باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۇنجى ئاممىۋىي كۈتۈپخانىلار قانۇنىدىن پىكىر ئېلىندى

ئاممىۋىي كۈتۈپخانا ئىئانە قىلغۇچىنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتىلىشى مۇمكىن

2015.12.10 14:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن قانۇن-تۈزۈم ئىشخانىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، مەدەنىيەت مىنىسىتىرلىكى تەييارلىغان دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاممىۋىي كۈتۈپخانىلار قانۇنى (تەستىقلىتىش كوپىيەسى)» گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشىغا سۇنۇلغان.

  نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدە ئوتتۇرىچە 437 مىڭ 200 ئادەمگە بىر ئاممىۋىي كۈتۈپخانا توغرا كېلىدۇ، بۇ دۆلىتىمىزنىڭ دۇنيا بويىچە ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇشتەك ئورنى بىلەن ماسلاشمايدۇ. جەمئىيەتتىكى ھەر تەرەپلەرنى ئىئانە قىلىش، كۈتۈپخانا قۇرۇشىقا ئىلھاملاندۇرۇش ئۈچۈن، يېڭى قانۇندا پۇقرالار، قانۇنىي ۋەكىل ياكى باشقا تەشكىلاتلار قۇرغان ئاممىۋىي كۈتۈپخانىلار قانۇن بويىچە ئىئانە قىلغۇچىنىڭ ئىسمى، نامىنى ئاممىۋىي كۈتۈپخانىنىڭ نامى قىلىش، ياكى ئاممىۋىي كۈتۈپخانا بىناسى ۋە باشقا ئەسلىھەلىرىنىڭ نامى قىلىشقا بولىدىغانلىقى بەلگىلەندى. ئاممىۋىي كۈتۈپخانا يەنە قانۇن بويىچە ئىئانە قىلغۇچىنىڭ ئىسمى، نامى بىلەن ھۆججەت ماتېرىياللار ئۇچۇر بايلىقى مەخسۇس ساقلانمىسى ياكى مەخسۇس تېما پائالىيىتىگە نام بېرىشكە بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاممىۋىي كۈتۈپخانا قۇرغان پۇقرالار، قانۇنىي ۋەكىللەر ۋە ياكى باشقا تەشكىلاتلار ئاممىۋىي كۈتۈپخانىنىڭ نورمال يۈرۈشۈش خىراجىتىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ، دۆلەت مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە باجدا ئېتىبار بېرىدۇ ۋە باشقا يۆلەش سىياسىتى قوللىنىدۇ. (ئالىم راخمان تەرجىمىسى)

  تەرجىمە مۇھەررىرى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر