باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كۇچا ناھىيەسىدە 2015 - يىللىق مۇنەۋۋەر تەشۋىقاتچىلار مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى

2015.12.10 17:35        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى، فوتوسى) كۇچا ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ئۇيۇشتۇرغان كۇچا ناھىيەسىنىڭ 2015 - يىللىق مۇنەۋۋەر تەشۋىقاتچىلار مۇسابىقىسى 9 - دېكابىر ناھىيەلىك مەدەنىيەت - سەنئەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى.

  بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە ناھىيەگە بىۋاستە قاراشلىق ئىدارە – ئورۇن، مەھەللە ئىش باشقارمىسى ، ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ، بالىلار باغچىلىرى ۋە بىر قىسىم يېزا - بازارلاردىن 18 كوماندا قاتنىشىپ، 150 نەپەردىن ئارتۇق ماھىر كوللىكتىپ ۋە يەككىلەر بويىچە پارتىيە 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىن روھى، ئاپتونوم رايوننىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق 8 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 10 – ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى روھىنى لېكسىيە، دوكلات، شېئىر، ناخشا – ئۇسسۇل، قوشاق، ئىتوت قاتارلىق ئاممىغا يېقىن بولغان كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىسىغا يەتكۈزۈپ، ئۆز ماھارىتىنى جانلىق نامايەن قىلدى.

  ئىگىلىنىشچە، تاللانغان مۇنەۋۋەر تەشۋىقاتچىلار 10 - دېكابىردىن 13 - دېكابىرغىچە تۆت گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، ھەر قايسى يېزا - بازار، مەھەللە ئىش باشقارمىلىرىدا 23 مەيدان كۆپ خىل شەكىلدىكى لېكىسيە ئۇسۇلى ئارقىلىق يىغىن روھىنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ، نەچچە ئونمىڭلىغان ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش قەتئىي ئىرادىسىنى مۇستەھكەملەشكە تۈرتكە بولىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر