باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچىدە ماگنىتلىق لەيلىمە لىنىيەسى قۇرۇلماقچى

2015.12.11 11:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-دېكابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-دېكابر، ئۈرۈمچى ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي مۇئاۋىن ھاكىمى ياڭ شۈدېنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىن يۇقارقى تاغ ساياھەت بازىسىغا بارىدىغان ماگنىتلىق لەيلىمە پويىز تۈرى، ئۈرۈمچىنىڭ « 13- بەش» يىللىق نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرى پىلانىغا كىرگۈزۈلدى. ئۈرۈمچى ناھىيىلىك پىلانلاش، قۇرۇش، قاتناش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى شياۋ كۈن مۇنداق تونۇشتۇردى: ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە بېيجىڭدىكى جۇڭگو تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى گۇرۇھى تۈزۈگەن« ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى»نىڭ ئىچىدىكى بىر تۈر ئۈرۈمچى شەھەر رايونىدىن يۇقارقى تاغقا قاتنايدىغان ماگنىتلىق لەيلىمە پويىز تۈرىگە چېتىلىدۇ. ھازىر، بۇ تۈرنىڭ تەييارلىق باسقۇچىدىكى خىزمەتلىرىنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك قۇرۇلۇش كومىتېتى باش بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ، لىنىيە نەق مەيدانىنى تەكشۈرۈش، ئالدىنقى باسقۇچلۇق دەسلەپكى لايىھە، لاھىيىنى دەلىللەش جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ تۈر ساياھەت بىلەن بىرلەشتۈرگەن، ماگنىتلىق لەيلىمە پويىزنىڭ سۈرىتىنى ئوتتۇرا تۆۋەن سۈرئەتكە تەڭشەلگەن بولۇپ سائەتلىك سۈرئىتى 100 كىلومېتىردىن 120 كىلومېتىرغىچە بولىدىكەن. باشلىنىش بېكىتىنىڭ تۆت قوشۇمچە لاھىيەسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان، ئاساسىي لايىھە مېترو 1 - لېنىيەسىنىڭ ئۈچتاش بېكىتىدىن يولغا چىقىپ ئاخىرقى بېكىتى يۇقارقى تاغ ساياھەت ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت بازىسىغا بارىدۇ. ئومۇمىي مۇساپە 35.45كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ تۈر بېيجىڭ جۇڭگو تۆمۈريول قۇرۇلۇش گۇرۇھى PPP ئەندىزىسى( ھۆكۈمەت بىلەن ئىجتىمائىي كاپىتالنىڭ ھەمكارلىشىش ئەندىزىسى) ئارقىلىق سېلىندۇ. قۇرلۇش پۈتكەندىن كېيىن، شەھەر ئاھالىلىرى، ساياھەتچىلەرنىڭ يۇقارقى تاغقا بېرىشىغا پەقەت 10 نەچچە مىنۇت كىتىدۇ. (مەلىكەم تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر