باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەتلىك ئاشلىق ئىدارىسى ئاشلىق پۇلىنى بېرىش خەتىرىنى قاتتىق تىزگىنلەيدۇ

2015.12.10 16:41         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى جۇڭگو ئاۋازى قانىلى بۇ يىل 7-ئايدا جۇڭگو زاپاس ئاشلىق باشقۇرۇش باش شىركىتى ئاساسىي قاتلام ئاشلىق يىغىۋېلىپ ساقلاش ئامبارلىرىنى يالغاندىن ئىجارىگە بېرىپ، ھەقىقىي ھاۋالە قىلىپ، نەچچە مىڭ دېھقان ئائىلىسىنىڭ 20 مىليون يۈەندىن ئارتۇق ئاشلىق پۇلىنى ئاسانلا يۆتكەپ ئىشلىتىۋېلىش ئىشىنى ئارقا-ئارقىدىن خەۋەر قىلغاندىن كېيىن، جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى. دۆلەتلىك ئاشلىق ئىدارىسى يېقىندا ئاشلىق پۇلىنى بېرىشنى قېلىپلاشتۇرۇشنىڭ كونكرېت چارىسىنى چىقىرىپ، ئاشلىق پۇلىنى بېرىش خەتىرىنى قاتتىق باشقۇرۇپ تىزگىنلىدى.

  دۆلەتلىك ئاشلىق ئىدارىسى يېقىندا چىقارغان «ئاشلىق سېتىۋېلىش مەبلىغىنى جۇغلاش ۋە بېرىشنى باشقۇرۇشنىڭ ۋاقىتلىق چارىسى»دا، ئامبارنى يالغاندىن ئىجارىگە بېرىپ، ھەقىقىي ھاۋالە قىلىشنى قاتتىق چەكلەش بەلگىلەندى.

  چارىدە مۇنۇلار بەلگىلەندى: ئامبارنى يالغاندىن ئىجارىگە بېرىپ، ھەقىقىي ھاۋالە قىلىشتىن پەيدا بولغان ئىگىلىۋېلىش، يۆتكەپ ئىشلىتىۋېلىش، قۇرۇق تالون بېرىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، ئىجارىگە ئالغان كارخانىلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى ھەم ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك؛ ئاشلىق ئامبارلىرى دېھقانلاردىن سېتىۋالغان ئاشلىقنىڭ پۇلىنى بىۋاسىتە بېرىشى لازىم، قۇرۇق تالون بېرىش، باج ئورنىدا تۇتۇپ قېلىش، ۋاكالىتەن باج، ھەق ھەم باشقا پۇللارنى ئېلىش قاتتىق چەكلىنىدۇ.

  بۇندىن باشقا، نوپۇزلۇق ئەربابلار جۇڭگو ئاۋازى قانىلى خەۋەر قىلغان ئاشلىق ۋاسىتىچىلىرىنى باشقۇرۇش ياخشى بولماسلىق ھەققىدە، دۆلەتلىك ئاشلىق ئىدارىسى ھازىر كونكرېت باشقۇرۇش چارىسىنى تۈزۈپ، ئاشلىق ۋاسىتىچىلىرىنىڭ سېتىۋېلىش ئىشلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇۋاتىدۇ دەپ ئاشكارىلىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر