باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت يىغىنى «دۇنيادىكى بىرىنچى ئېكران»دا تەشۋىق قىلىندى

2015.12.10 17:29         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات فىلىمى ئامېرىكا نيۇيورك دەۋر مەيدانىدىكى چوڭ ئېكراندا قويۇلماقتا

  تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: بېيجىڭ ۋاقتى 8-دېكابىر(نيۇيورك ۋاقتى 7-دېكابىر كەچ) ئامېرىكا نيۇيورك دەۋر مەيدانى «ناسداق» ئاكسىيە بىرژىسىنىڭ چوڭ ئېكرانىدا شىنجاڭ ئۆتكۈزۈشنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات فىلىمى قويۇلدى.

  مۇخبىرنىڭ 9-دېكابىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تاشقى تەشۋىقات خىزمىتىدىكى يېڭىچە تەدبىر بولۇپ، بۇ تەشۋىقات فىلىمى نيۇيوركتىكى دەۋر مەيدانىدا بىر ھەپتە قويۇلىدىكەن، بىراق بۇ ئۇنىڭ «دۇنيادىكى بىرىنچى ئېكران»دا تۇنجى قويۇلۇشى ئەمەس بولۇپ، تۇنجى قېتىم ئۆكتەبىردە قويۇلغان. مۇسابىقە باشلىنىشتىن بۇرۇن يەنە بىر قېتىم قويۇلىدىكەن.

  بۇ ئېكراندا كۆرسىتىلگەن تەشۋىقات فىلىمى قويۇق مىللىيچە مۇزىكىلار بىلەن باشلىنىپ، ئالدى بىلەن يايلاق، قارلىق تاغ، قۇملۇق قاتارلىق شىنجاڭنىڭ ئۆزىگە خاس گۈزەل مەنزىرىلىرى كۆرسىتىلگەن، ئارقىدىن ئۈرۈمچىنىڭ زامانىۋى ئېگىز بىنالىرى، سانجاق-سانجاق ئاپتوموبىللار بىلەن تولغان يوللىرى ۋە يۇلتۇزدەك چاقناپ تۇرغان چىراغلار يورۇتۇپ تۇرغان كېچە مەنزىرىسى كۆرسىتىلگەن، قار تېيىلىش مەيدانىدا ئويناۋاتقان بالىلارنىڭ كۈلۈمسىرىشى، تېز تېيىلىش ماھىرلىرىنىڭ ئۇچقاندەك قار تېيىلىپ ئۆتۈشلىرى شىنجاڭدىكى ھر مىللەت ئاممىسىنىڭ قار-مۇز تەنھەرىكەت يىغىنىغا بولغان قىزغىن مۇھەببىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، جۇش ئۇرۇپ ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان زامانىۋى شىنجاڭنى پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان قىلغان.

  ئىگىلىنىشىچە، مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات فىلىمىنى «دۇنيادىكى بىرىنچى ئېكران»دا ئۈچ قېتىم قويۇشقا جەمئىي 620 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى(تۆت مىليون يۈەن خەلق پۇلىغا باراۋەر) خەجلەنگەن. خىراجەتنى مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ھەمكارلاشقۇچى كارخانىسى بولغان «جىڭگوئاۋ» ئەسىر مەبلەغ باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتى چىقارغان. ئېكراندا تەشۋىقات فىلىمىدىن باشقا يەنە شىنجاڭدىكى 30 نەچچە كارخانىنىڭ بەلگىسىمۇ چىقىرىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى بۇ مۇسابىقىنىڭ ھەمكارلىق شېرىكى ئىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، ئامېرىكا نيۇيورك دەۋر مەيدانى «ناسداق» ئاكسىيە بىرژىسىنىڭ چوڭ ئېكرانى تارىختىن بۇيان «دۇنيادىكى بىرىنچى ئېكران» دېگەن نامغا ئىگە بولۇپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ بايلىق ۋە مەدەنىيىتى ئالمىشىدىغان «دۇنيا تۆت كوچا ئېغىزى»غا جايلاشقان. بۇ يەردە يىللىق يولۇچى ئېقىم مىقدارى 40 مىليون ئادەم(قېتىم)غا، بۇيەردىن ئۆتىدىغانلار سانى 100 مىليون ئادەم(قېتىم)غا يېتىدۇ؛ بۇ يەر پۈتۈن دۇنيا ئەڭ كۆز تىكىدىغان سودا يادرو بۆلىكى بولغاچقا، پۈتۈن دۇنيادىكى داڭلىق ماركىلار بۇ يەردە ئۇزۇن مۇددەت ماركا ئوبرازىنى تارقىتىدۇ؛ بۇ يەردە تارقىتىلغان ئۇچۇرلار كۆپ قېتىم BBC، رېيتېر ئاگېنتلىقى، شىنخۇا ئاگنېتلىقى قاتارلىق تاراتقۇ «ماگنات»لىرىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، ئىسمى-جىسمىغا لايىق «دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان» ئەڭ ياخشى كۆزنەكلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان. 2011-يىلى جۇڭگونىڭ دۆلەت ئوبرازى تەشۋىقات فىلىمى بۇيەردە قويۇلۇپ، دۇنيا ئەھلىنىڭ نەزىرى بۇيەرگە تىكىلگەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر