باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

13-بەش يىللىق پىلاندىكى قاتناش جەھەتتىن نامراتلارنى يۆلەش ئالدىدا ماڭىدۇ

2015.12.09 16:17         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قاتناش-تىرانسىپورت مىنىستىرلىقى يېقىندا مۇنداق دېدى: 13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە، قاتناش جەھەتتىن نامراتلارنى يۆلەش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا ئالدىدا مېڭىپ، ئالدى بىلەن بۆسۈش ياساپ، تۆت يىل ئەتراپىدا ئىشتاتلىق كەنتلەرنىڭ يوللىرىنى قاتتىقلاشتۇرۇش قاتارلىق ئۇللۇق قۇرۇلۇش ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنلاشقا كۈچ چىقىرىپ، نامرات جايلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش كۈرىشىنىڭ غەلىبە قىلىش ئاساسىنى پۇختىلاپ، ياخشى يېتەكلەيمىز.

  ئىگىلىنىشىچە، 13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە، قاتناش-تىرانسىپورت مىنىستىرلىقى جەمئىي 550 مىليارد يۈەنلىك ماشىنا سېتىۋېلىش بېجى مەبلىغىنى ئاجرىتىپ، تۇتاشما ئالاھىدە نامرات جايلارنىڭ تاشيول قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ تاشيول قۇرۇلۇشىغا ئىككى تىرىليون يۈەنگە يېقىن مەبلەغ سېلىشىغا تۈرتكە بولىدىكەن. نامرات جايلارنىڭ سەپەرگە چىقىشى تەس بولۇش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، يول تورى قۇرۇلمىسىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاپ، قاتناشنىڭ كەسىپ تەرەققىياتىغا بولغان تۈرتكىلىك رولىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ، نامرات جايلارنىڭ تەرەققىيات قىياپىتىنى ھەقىقىي ئۆزگەرتىدىكەن.

  قاتناش-تىرانسىپورت مىنىستىرى ياڭ چۈەنتاڭ مۇنداق دېدى: 2020-يىلىغىچە، ئېلىمىزدىكى نامرات جايلاردا يەنە 438 يېزا-بازار، 28 مىڭ ئىشتاتلىق كەنتنىڭ يوللىرىنى قارامايلاشتۇرۇش ياكى سېمونتلاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، بۇلار ئاساسلىقى غەربىي رايون ۋە مەركەزلىك تۇتاشما ئالاھىدە نامرات جايلارغا مەركەزلەشكەن، بۇ رايونلارنىڭ نۇرغۇنى تاغلىق بولۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ئاجىز، قاتناش قۇرۇلۇشىنىڭ تەننەرخى يۇقىرى، قۇرۇلۇشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى زور.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە، ئېلىمىز قاتناش جەھەتتىن نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىدە، نامرات جايلارنىڭ قاتناش-تىرانسىپورت تەرەققىياتىدىكى يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاش ۋە قاتناش-تىرانسىپورت تۈپ ئاممىۋى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى ئاساسىي خىزمەت يۆنىلىشى، سىرتقا تۇتاشتۇرۇش، ئىچىدە بىرلەشتۈرۈش، يېزا-كەنت يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش، نۆۋەتچى ئاپتوبۇسلارنى كەنتلەرگىچە يەتكۈزۈش، بىخەتەر، قولاي قىلىشتىن ئىبارەت قاتناش-تىرانسىپورت تورىنى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىش ۋە تىرانسىپورت مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشنى تەرەققىيات نىشانى قىلىپ، قاتناش جەھەتتىن نامراتلارنى يۆلەش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىدىكەن. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئېلىمىز قاتناش قوشۇلغان ئېكولوگىيە ساياھىتى، قاتناش قوشۇلغان ئالاھىدە كەسىپ، قاتناش قوشۇلغان ئېلېكتىرونلۇق سودا تېز يەتكۈزۈش جەھەتتىن نامراتلارنى يۆلەشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، قاتناش جەھەتتىن نامراتلارنى يۆلەشنىڭ ئالاھىدە كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش ئىقتىدارىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر