خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو تور سودا شىركىتى ئەلىبابا بىلەن خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسى 9-دېكابىر توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئەلىبابانىڭ شاڭخەي ماشىنا گوروھى بىلەن بىرلىشىپ بارلىققا كەلتۈرگەن ئالاقە تورى ماشىنا ماركىسى «ئەلىبابا » 2015-يىلدىن 2022-يىلغىچە بولغان خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسى كۇلۇبلار دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ نام بېرىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەنلىكىنى جاكارلىدى. بۇ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم بۇ مۇسابىقە تۈرىگە نام بېرىشى بولۇپ قالدى.
كۇلۇبلار دۇنيا لوڭقىسى ئەسلىدىكى 1980-يىلى باشلانغان تويوتا لوڭقىسى قىتئەلەر ئارا پۇتبول مۇسابىقىسىدىن كەلگەن بولۇپ، 2005-يىلى كۇلۇبلار دۇنيا لوڭقىسى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن، مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان كوماندىلار ياۋروپا، جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى كۇلۇبلار چېمپىيونىدىن ھەرقايسى قىتئەلەرنىڭ چېمپىيونى ۋە ساھىبخان دۆلەت بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونىغا كېڭەيتىلگەن، مۇسابىقىگە نام بېرىدىغان قوللىغۇچى يەنىلا تويوتا بولغان.
بۇ نۆۋەتلىك كۇلۇبلار دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى بۇ ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 20-كۈنىگىچە ياپونىيەنىڭ ئوساكا ۋە يوكوخامادا ئۆتكۈزۈلىدۇ. (ئالىم راخمان تەرجىمىسى)
تەرجىمە مۇھەررىرى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى