باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

نەنجىڭدىكى چوڭ قىرغىنچىلىقتا قازا قىلغان قېرىنداشلار خاتىرە سارىيىنىڭ يېڭى سارىيى بۈگۈن ئېچىۋېتىلدى

2015.12.09 16:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغان ياپون ئارمىيەسىنىڭ نەنجىڭدىكى چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغان قېرىنداشلار خاتىرە سارىيىنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىدىكى يېڭى ساراي بۈگۈن سىرتقا ئېچىۋېتىلىدۇ. جۇڭگولۇق ۋە چەتئەللىك سەنئەتكارلار ھەدىيە قىلغان تارىخ تېمىسىدىكى ئەسەرلەر يېڭى سارايغا قويىلىدۇ. جۇڭگو خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى يەن گۇڭدانىڭ ئالتە مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى، ئىككى مېتىر كەڭلىكتىكى «پىدائىيلار مارشى» ھۆسنى خەت ئەسىرى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. بۇ ئەسەرنى خالىسانە ھەدىيە قىلغان بولۇپ، يېڭى سارايغا مەڭگۈ قويىلىدۇ. يەنە بىر قىسىم مۇزىكا ئەسەرلىرىمۇ يېڭى سارايغا قويۇلىدۇ. يېقىندا مۇزىكانت چىن مىڭچۈن «رېكۋىئېم» ۋە «تەزىيە مۇزىكىسى» دېگەن ئىككى مۇزىكىنى خاتىرە سارىيىغا ھەقسىز ھەدىيە قىلدى. «رېكۋىئېم» نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغان قېرىنداشلارغا دۆلەتلىك تەزىيە بىلدۈرۈش كۈنىنىڭ تۇنجى مۇراسىم مۇزىكىسى. چىن مىڭچۈن: ئاممىغا مۇزىكا ئارقىلىق ئەشۇ يىللاردىكى ئېچىنىشلىق تارىخنى چۈشەندۈرۈپ، قېرىنداشلارنى ياد ئېتىپ، غەلىبىنى مەدھىيەلەشنى ئۈمىد قىلىمەن، دېدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر