باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ۋە چەتئەلدىن كىرگۈزۈلگەن سۈت تالقانلىرىغا ئوخشاش سىياسەت يولغا قويىلىدۇ

2015.12.09 16:15         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك يېمەكلىك، دورا نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش باش ئىدارىسى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش 1-مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ما چۈنلياڭ يېقىندا مۇنداق دېدى: ھازىر سىرتتا ئېقىپ يۈرگەن سۈت تالقىنى ئارىلاشمىلىرىنى رۇيخەتكە ئېلىش يېڭى سىياسىتىدىكى «بىر سۈت مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى ئۈچ يۈرۈش ماركىنىلا قالدۇرسا بولىدۇ» دېگەن سۆزلەر پەقەت مۇزاكىرە ئورگىنالى، كەلگۈسىدە بەش يۈرۈشتىن ئاشماسلىقى مۇمكىن، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ۋە چەتئەلدىن كىرگۈزۈلگەن سۈت تالقانلىرىغا ئوخشاش سىياسەت يولغا قويىلىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر تەھلىل قىلىپ: سۈت تالقىنى ماركىسىنىڭ ئومومىي سانى ئاخىرىدا % 80 قىسقارتىلىشى مۇمكىن، دەپ قارىدى. ما چۈنلياڭ مۇنداق دېدى: سۈت تالقىنى ئارىلاشمىلىرىنى رۇيخەتكە ئېلىش تۈزۈمىدىن باشقا، ئىشلەپچىقىرىش ئىجازىتىگە ئېرىشكەن كارخانىلارنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش كۈچەيتىلىدۇ، سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلالمىغان بىر قىسىم كارخانىلار شاللىۋېتىلىدۇ، سۈت تالقىنى ماركىلىرى زور دەرىجىدە قىسقارتىلىدۇ. تەكشۈرۈش دائىرىسى ئىشلەپچىقىرىش ئىجازىتىگە ئېرىشكەن دۆلىتىمىزنىڭ 103 كارخانىسى ۋە چەتئەلنىڭ 73 سۈت تالقىنى كارخانىسىنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ. سۈتچىلىك مۇتەخەسسىسى ۋاڭ دىڭميەن تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: ھازىرقى سانلىق مەلۇماتلار ۋە لايىھە بويىچە ھېسابلىغاندا، يېڭى سىياسەت يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، سۈت تالقىنى ماركىسىنىڭ ئومۇمىي سانى % 80 ئازايتىلىدۇ، ماركا چاپلاپ ئىشلەپچىقىرىپ بېرىش ھادىسىسى قەتئىي تۈگىتىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر