باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە «9-دىكابىر» ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتېرىلەش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلدى

2015.12.10 17:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز زوھرەگۈل ئابلىمىت، گۈلمىرە تۇرسۇن خەۋەر قىلىدۇ) 9-دېكابىر ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى ئاقيار بازىرىدىكى 500دىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى سەپەرۋەر قىلىپ، «9-دىكابىر» ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەپ، ئىنقىلابىي ئەنئەنە تەربىيەسى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى بىر قېتىملىق چوڭقۇر تەربىيەگە ئىگە قىلدى.

  پائالىيەتتە، ھەر قايسى ۋەكىللەر ئايرىم-ئايرىم ھالدا «مەن جۇڭخۇانى سۆيىمەن»، «ئەتىمىز تېخىمۇ گۈزەل» قاتارلىق ئىنقىلابى ناخشىلارنى ئورۇنلاپ، پارتىيەنى، ۋەتەننى سۆيۈشتەك چوڭقۇر ھېسسىياتىنى ئىپادىلىدى.

  پائالىيەت ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپلا قالماستىن، ئۇلارنىڭ كۆتۈرەڭگۈ روھىي ھالىتىنى نامايان قىلىپ، ئىلىم-پەن بىلىملىرىنى ياخشى ئۆگىنىش ۋە ۋەتەنگە جاۋاپ قايتۇرۇش قىزغىنلىقىنى قوزغىدى.

  پائالىيەت ئاخىرىدا ساۋاقداشلار بەس-بەستە ئىپادە بىلدۈرۈپ: «بىز تارىخنى ئېسىمىزدە چىڭ ساقلاپ، ئىنقىلابىي ئەجدادلارنىڭ ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ، مىللىي روھنى ئۇرغۇتۇپ، دەۋر يۈكلىگەن مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئالىمىز» دىيىشتى.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر