باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

13-بەش يىلدا، نامرات جايلارنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلىدۇ

2015.12.10 16:38         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى قاتارلىق يەتتە مىنىستىرلىق، كومىتېت يېقىندا «13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدىكى نامرات جايلارنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېما قۇرۇلۇشى پىلان پىروگراممىسى»نى بىرلىكتە چىقاردى. مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت كۆزەتكۈچىسى جۇ گۇاڭليەن 9-دېكابىر بۇ ھۆججەتكە ئىزاھات بەردى.

  جۇ گۇاڭليەن مۇنداق دېدى: پىلان پىروگراممىسىدا، 2020-يىلىغىچە، نامرات جايلارنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاپ، ئاممىۋى مەدەنىيەتنىڭ نامرات جايلاردىكى ئاممىنىڭ پەن-مەدەنىيەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، يەرلىكنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتىكى تېخىمۇ چوڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. پىلان پىروگراممىسىدا مۇنداق بەش ئالاھىدىلىك گەۋدىلەندۈرۈلگەن: 1-نامرات جايلارنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھە تورىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش. ناھىيە، يېزا قاتلىمىدا، 13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئاممىۋى مەدەنىيەتنى دۆلەت ئۆلچىمىگە ئومۇميۈزلۈك يەتكۈزۈش؛ كەنت قاتلىمىدا، كەنت دەرىجىلىك ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت مۇلازىمەت مەركىزى بىلەن تولۇق قاپلاش. 2-نامرات جايلاردىكى خەلق ئاممىسىنىڭ تۈپ مەدەنىيەت ھوقۇق-مەنپەئەتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش. يېزىلاردىكى ئۆيلىرىدە قالغان ئاياللار، بالىلار ۋە ياشانغانلار قاتارلىق ئالاھىدە توپنىڭ تۈپ مەدەنىيەت ھوقۇق-مەنپەئەتىگە نۇقتىلىق كاپالەتلىك قىلىش؛ چېگرا، مىللىي رايونلارغا بولغان ئاممىۋى مەدەنىيەت بايلىقى تەمىناتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، چېگرا، مىللىي رايونلارنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش. 3-نامرات جايلارنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش. 4-ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى نامرات جايلارنىڭ بۇلۇڭ-پۇشقاچلىرىغىچە يەتكۈزۈش. 5-نامرات جايلاردىكى ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا پائال تۈرتكە بولۇش.

  ئىگىلىنىشىچە، مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار كېيىنكى قەدەمدە نامرات جايلارنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى مالىيە جەھەتتىن تېخىمۇ قوللايدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر