باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەركەزنىڭ 2 - قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش نەق مەيدان يىغىنى ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۆتكۈزۈلدى

سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

2015.12.10 16:43         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركەز شىنجاڭ خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى مەركەزنىڭ 2 - قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، 8 - دېكابىردىن 9 - دېكابىرغىچە ئاپتونوم رايونىمىزدا نەق مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، يىغىن روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلدى، كېيىنكى قەدەمدىكى ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتىنى قانداق ئىلگىرى سۈرۈشنى تەتقىق قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆزى قىلدى. مەركەز شىنجاڭ خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى جاۋ خۇلاسە سۆزى قىلدى.

  مەركەز شىنجاڭ خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى دۇ يىڭ مەركەزدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەركەزنىڭ 2 - قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئومۇمىي ئەھۋالى توغرىسىدا دوكلات بەردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى خۇاڭ ۋېي، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى يۈ شيۇدۇڭ ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۈەنگە ۋاكالىتەن نۇقتىلىق سۆز قىلدى.

  شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: مەركەز شىنجاڭ خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى ۋە ئىشخانىسى مەركەزنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ۋەزىيەتنى ئىلمىي تەھلىل قىلىپ، ماسلاشتۇرۇپ يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، تەكشۈرۈشكە قاتتىق ھەيدەكچىلىك قىلىپ، شىنجاڭنىڭ خىزمەتلىرىگە كۈچلۈك يېتەكچىلىك قىلدى ۋە ياردەم بەردى. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپى ئارقىلىق مىليون كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق شىنجاڭنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئىستراتېگىيەلەر، مۇھىم كەسىپلەر ۋە مۇھىم تۈرلەرنى ماس قەدەمدە ئىلگىرى سۈرۈش ۋە يېتەكلەش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭ ئۈچۈن ئالاھىدە سىياسەت ۋە ئالاھىدە ياردەمنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈپ، بارلىق كۈچى بىلەن نۇرغۇن ئۈنۈملۈك خىزمەت ئىشلىدى. مەركىزىي كومىتېت ئالاھىدە غەمخورلۇق قىلىدىغان، مەركەز شىنجاڭ خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى ۋە ئىشخانىسى كۈچەپ قوللايدىغان، ئېلىمىزدىكى 19 ئۆلكە، شەھەر ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرى خالىس ياردەم بېرىدىغانلا بولسا، شىنجاڭ سۇبيېكىتلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، 2020 - يىلى مەملىكەت بىلەن تەڭ قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقالايدۇ.

  يىغىندا مۇنداق دېيىلدى: 2016 - يىلى «13 - بەش يىل»نىڭ تۇنجى يىلى، شۇنداقلا مەركەزنىڭ 2 - قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى يەنىمۇ ئىزچىللاشتۇرىدىغان ھالقىلىق بىر يىل. شۇڭا ئىدىيەنى مەركەزنىڭ روھى ئاساسىدا يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مەسىلىنى ھەل قىلىش يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، نۇقتىلىق مەسىلىلەر ۋە ئاجىز ھالقىلاردا تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى كۈچەپ قوغداپ، ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ھەرقايسى مەخسۇس گۇرۇپپىلار ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار 13 - بەش يىللىق يىرىك پىلاننى تۈزۈشكە بىرلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى قوللاش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، مەركەزنىڭ تۈرلۈك تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشى كېرەك.

  يىغىن مەزگىلىدە، يىغىن ۋەكىللىرى ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن جۇ خەيلۈن، جۇ چاڭجيېنىڭ ھەمراھلىقىدا ئۈرۈمچى شەھىرى ۋە سانجى ئوبلاستىدا ئىجتىمائىي مۇقىملىق، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، تەشۋىقات، مەدەنىيەت، مىللەت، دىن قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەھۋاللارنى كۆزدىن كەچۈردى.

  ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسىدىكى ئىجتىمائىي مۇقىملىق گۇرۇپپىسى، ئىقتىسادىي - ئىجتىمائىي تەرەققىيات گۇرۇپپىسى، تەشۋىقات - مەدەنىيەت گۇرۇپپىسى، مىللەت - دىن گۇرۇپپىسى، تاشقى ئىشلار ۋە تاشقى تەشۋىقات گۇرۇپپىسى قاتارلىق بەش مەخسۇس گۇرۇپپا بىلەن سانائەت - ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى، سۇچىلىق مىنىستىرلىقى، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى قاتارلىق بەش ئەزا ئورۇننىڭ ۋەكىللىرى يىغىندا سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، بىرلىك سەپ بۆلۈمى، سىياسىي - قانۇن كومىتېتى ۋە تەرەققىيات - ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ۋەكىللىرى يىغىننىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدا سۆز قىلدى.

  يىغىندا بېيجىڭ قاتارلىق جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئون ئۆلكە، شەھەر ئاپتونوم رايونىمىز بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭغا كەسپىي مائارىپتا نىشانلىق ياردەم بېرىش كېلىشىمى ئىمزالىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر