باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2015-يىلى 11ئاي ئىچىدە ئۈرۈمچى 38مىڭ 185 پارچە ماجىرانى مۇرەسسە قىلدى

2015.12.10 16:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-دېكابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:8-دېكابر، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەدلىيە ئىدارىسى تاراتقۇلارغا ئۇقتۇرۇشىچە بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق مۇرەسسە تەشكىلاتلىرى شەھەر ئىككى دەرىجىلىك ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگانلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ماجىرا، زىددىيەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى « ئالدىنقى مۇداپىئە لىنىيىسى»نىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، 11 -ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، جەمئىي 38مىڭ 185 پارچە تۈرلۈك زىددىيەت ۋە ماجىرانى مۇرەسسە قىلغان.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەدلىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جاڭ زىمىننىڭ تونۇشتۇرشىچە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ خەلق مۇرەسسە خىزمىتى پۈتۈن شەھەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىق ىنى زىچ چۆرىدەپ، پۇختا ئاساس سېلىپ، ساھەلەرنى كېڭەيتىپ، تۈزۈلمىدە يېڭىلىق يارىتىپ، زىددىيەت ۋە ماجىرالارنى ئۈنۈملۈك پەسەيتىپ ۋە ئالدىنى ئېلىپ، شەھىرىمىزنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىدا مۇھىم رول ئوينىدى.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەدلىيە ئىدارىسى ئاساسىي قاتلام خىزمىتى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى دۇ فاڭ مۇنداق دېدى: ھازىر پۈتۈن شەھەردىكى ھەممە كەنت ( مەھەللە )نىڭ مۇرەسسە تەشكىلاتلىرى بار، خەلق مۇرەسسە تەشكىلاتى ھەممە يەرنى قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. بۇنىڭدىن سىرت، ئەدلىيە ئىدارىسى يەنە 150 دىن ئارتۇق ساھەلەشكەن، كەسىپلەشكەن مۇرەسسە تەشكىلاتى قۇردى، داۋالاش، ئەمگەك، ئىستېمال قىلىش، ئامانلىق قاتارلىق ساھەلەر ئاساسەن قاپلاندى.(مەلىكەم تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر