باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بايىنبۇلاق مەنزىرە رايونىA 5دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى بولۇپ باھالىنىشنىڭ بىرىنچى ئۆتكىلىدىن ئۆتتى

2015.12.09 14:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا خېجىڭ ناھىيىسى ئېلىمىزنىڭ ساياھەت بايلىقىنى پىلانلاش ئېچىش، سۈپەت دەرىجىسى باھالاپ بېكىتىش كومىتېتىنىڭ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇپ ئالدى، 18-يانۋاردىن 19- يانۋارغىچە ئېچىلغان « 5Aدەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى بەرپا قىلىشنى ئىلتىماس قىلىش ۋە مەنزىرە رايون سۈپىتى مۇتەخەسسىسلەر باھالاش يىغىنى » دا، بايىنبۇلاق مەنزىرە رايونى 93.2نومۇرغا ئېرىشىپ، A 5دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى تەييارلىق تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن بۇلۇپ، ئوڭۇشلۇق ھالدا A 5دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى بولۇپ باھالىنىشنىڭ بىرىنچى ئۆتكىلىدىن ئۆتتى.

  بايىنغولىن ئوبلاستلىق ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ما يەنچىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بايىنبۇلاق مەنزىرە رايونىنىڭ 93.2نومۇرغا ئېرىشىشى A 5دەرىجىلىك مەنزىرىلىك رايون بۇلۇپ باھالىنىشنىڭ بىرىنچى ئۆتكىلىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئەمدى بىز داۋاملىق تىرىشىپ، قىلچىمۇ بوشاشماستىن كۈتۈۋېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، دۆلەت ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن تەكشۈرۈشلىرىدە ياخشى ئىپادە كۆرسىتىپ، دۆلەتنىڭ A 5دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرىلىك رايونى بۇلۇشنى قولغا كەلتۈرىمىز. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر