باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مەركىزىي ئۆگىنىش گۇرۇپپىسى كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى

ئۆگىنىش نەتىجىسىنى تىرىشىپ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇش كېرەك

2015.12.09 15:38         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مەركىزىي ئۆگىنىش گۇرۇپپىسى 7 - دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلىپ، ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 10 - ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر نەيىم ياسىن ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 10 - ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى شىنجاڭنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش باسقۇچىدا ئېچىلغان مۇھىم يىغىن. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى ۋە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىسى. بۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ خىزمىتى ۋە قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكى، كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە ئۇنى قوللىغانلىقىنىڭ ناماياندىسى، پارتىيەنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ دېموكراتىك قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشى ۋە شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش قەدىمىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك يەرلىك دۆلەت ھوقۇقلۇق ئورگانلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  نەيىم ياسىن مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى ئىككى مۇھىم يىغىننىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە بىلىپ، ھەقىقىي چىڭ، ياخشى تۇتۇشى كېرەك. ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «13 - بەش يىل»لىق تەرەققىياتنى پىلانلاش، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى ۋە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە ئالاقىدار مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى چىڭىتىشى، شىنجاڭنىڭ «13 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردە ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشى؛ ئىككى مۇھىم يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش دولقۇنىنى تېز قوزغىشى، بولۇپمۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تارقاتقان «ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ناھىيە، يېزىلارنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى ۋە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

  نەيىم ياسىن مۇنداق دېدى: قانۇن ئىدارە قىلىدىغان شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، ئىككى يىغىن روھى ئارقىلىق خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۆگەنگەنلىرىمىزنى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇپ، يىغىننىڭ روھىنى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەتلىرىدە گەۋدىلەندۈرۈشىمىز ۋە ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز؛ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چۆرىدەپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ئومۇمىيەت ۋە ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدە تەتقىق قىلىپ ۋە پىلانلاپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىمىز ۋە سەۋىيەمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قانۇن كاپالىتى بىلەن تەمىنلەشنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز؛ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، ئالاقىدار ئورۇنلار ۋە تارماقلار بىلەن بولغان ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ كېلەر يىللىق خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى تەتقىق قىلىش ۋە پىلانلاشنى چىڭ تۇتۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنىنىڭ تەييارلىق خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرىدىن جاپپار ھەبىبۇللا، ما مىڭچېڭ، تىلىۋالدى ئابدۇرېشىت، ھۆرىگۈل جاپپار، نىجات سۇلتان، ئەسقەر تۇرسۇن يىغىنغا قاتناشتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى دوڭ شىنگۇاڭ يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر