باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جاڭ چۈنشيەن ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزۈپ جەنۇبىي شىنجاڭ يېزا - بازارلىرىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ئىستۇدېنتلار بىلەن سۆھبەتلەشكەندە مۇنداق تەكىتلىدى:

تاللىشىڭلاردا چىڭ تۇرۇپ، ئىرادەڭلاردىن يانماي جەنۇبىي شىنجاڭدا ئارزۇيىڭلارنى قاناتلاندۇرۇڭلار

2015.12.09 15:41         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن 2014 - يىلى ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزۈپ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى يېزا - بازارلاردا خىزمەت قىلىۋاتقان ئىستۇدېنتلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ، كۆپچىلىكنى تاللىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىرادىسىدىن يانماي، ئاممىۋىي خىزمەت ئىشلەشنى ئۆگىنىپ، ئاممىۋىي خىزمەتكە ماھىر بولۇپ، تىرىشىپ شىنجاڭچە ياخشى كادىرلاردىن، چوڭ ئىشلارنى قىلالايدىغان، ئېغىر ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالالايدىغان تايانچ ئىختىساسلىقلاردىن بولۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشقا رىغبەتلەندۈردى.

  ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئىستۇدېنتلارنى جەنۇبىي شىنجاڭ يېزا - بازارلىرىغا خىزمەتكە ئەۋەتىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ زور ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى. بۇلتۇر خۇنەن، شەندۇڭدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن 200دىن ئارتۇق ئىستۇدېنت مەمۇر قوبۇل قىلىش تەرتىپى بويىچە ئاقسۇ ۋە قەشقەرنىڭ يېزا - بازارلىرىغا تولۇقلاندى. مۇشۇ ئاساستا، بۇ يىللىق قوبۇل قىلىش دائىرىسى بېيجىڭ، خېنەن، سىچۈەن، شەنشى، گەنسۇ، نىڭشيا قاتارلىق سەككىز ئۆلكە، ئاپتونوم رايونغا كېڭەيتىلىپ، ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن 600 ئارتۇق ئىستۇدېنت جەنۇبىي شىنجاڭدىكى يېزا - بازارلارغا بېرىپ خىزمەتكە چۈشتى.

  سۆھبەتتىن ئىلگىرى، كۆپچىلىك ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزۈپ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى يېزا - بازارلاردا خىزمەت قىلىۋاتقان ئىستۇدېنتلارنىڭ خىزمەت، ئۆگىنىش، تۇرمۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى مەخسۇس فىلىمنى كۆردى. فىلىمدە ئەينى چاغدىكى تېرىسى يۇمران ئىستۇدېنتلارنىڭ ھازىر ئاپتاپتا قارىداپ، ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىپ، بەزى ئاممىۋىي خىزمەت ئۇسۇللىرىنى ئىگىلەپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاساسىي قاتلامغا سىڭگەنلىكى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئىدى.

  «شىنجاڭچە ياخشى كادىرلاردىن بولۇپ، ياشلىق باھارىمنى ۋەتەن ئەڭ ئېھتىياجلىق جايغا بېغىشلايمەن»، «تەشكىلنىڭ غەمخورلۇقىنى، ئاممىنىڭ ئىشەنچىسىنى يەردە قويماي، توغراققا ئوخشاش جەنۇبىي شىنجاڭ تۇپرىقىدا يىلتىز تارتىمەن»، «ئاساسىي قاتلامدا بىر يىل چېنىقىش ئارقىلىق ياشلىق ئارزۇلىرىم قاناتلاندى، بوران - چاپقۇندا تاۋلىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا ھەر بىر قەدىمىمنى پۇختا باسىمەن»... كۆپچىلىكنىڭ سەمىمىي سۆزلىرىگە جەنۇبىي شىنجاڭ يېزا - بازارلىرىدىكى ھەقىقىي خىزمەت تەسىراتى سىڭگەنىدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى ئامما تەرىپلەپ «كوچا زۇڭلىسى»، «مەھەللە يېتەكچىسى» دەپ ئاتاشتى، بەزىلىرى جەنۇبىي شىنجاڭ خەلقىنىڭ ئوغلانى بولۇشقا ئىرادە باغلىدى، بەزىلىرى ئائىلە قۇرۇپ پەرزەنتلىك بولدى.

  جاڭ چۈنشيەن ئارىلاپ سۆز قىستۇرۇپ، كۆپچىلىكنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش ئەھۋالىنى سورىدى، سۆھبەتنىڭ كەيپىياتى ئازادە ھەم قىزغىن بولدى.

  جاڭ چۈنشيەن ئالتە ۋەكىلنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ئىختىساسلىقلارغا، بىر تۈركۈم ئىرادىلىك ياشلارنىڭ ئېسىل ئەنئەنىلىرىمىزگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىشىگە موھتاج. ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزۈپ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يېزا - بازارلىرىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ئىستۇدېنتلار باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئۈمىدى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۇقەددەس بۇرچى ھەم «ئۆزىنى جەنۇبىي شىنجاڭغا بېغىشلاش، ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىش» مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئالغان. قىسقىغىنە بىر يىلدا سىلەر شىنجاڭغا چوڭقۇر سىڭىپ، نۇرغۇن جاپا چەكتىڭلار، نۇرغۇن قىيىنچىلىقنى يەڭدىڭلار، ھەممىڭلار پىشىپ يېتىلىپسىلەر.

   جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزۈپ بۇ يىل خىزمەتكە قوبۇل قىلىنغانلار تۇنجى تۈركۈمدە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ شىنجاڭغا كەلگەنلەرنى ئۈلگە قىلىپ، ۋەتەننى - شىنجاڭنى سۆيۈش، ئىتتىپاق ئۆتۈش - تۆھپە قوشۇش، تىرىشىپ ئىشلەش - ئۆزئارا ياردەملىشىش، ئېچىۋېتىش - ئىلگىرىلەشتىن ئىبارەت «شىنجاڭ روھى»نى پائال ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر رىشتە باغلىشىڭلار كېرەك. ۋەتەننى - شىنجاڭنى سۆيۈشنى ئېتىقادقا ئايلاندۇرۇپ، كۈچلۈك كەسىپچانلىق ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقنى باشتىن - ئاخىر ساقلىشىڭلار، ئىتتىپاق ئۆتۈش - تۆھپە قوشۇشنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئالاقە باغلاش، ئالماشتۇرۇش ۋە ئارىلىشىشى جەريانىدا نامايان قىلىشىڭلار، تىرىشىپ ئىشلەش - ئۆزئارا ياردەملىشىشنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تىرىشىپ ئىشلەش - ئۆزئارا ياردەملىشىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، زامانىۋى، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشقا يېتەكلىشىڭلار، ئېچىۋېتىش - ئىلگىرىلەشنى شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات مەنبەسى قىلىپ، شىنجاڭنى تېخىمۇ ئېچىۋېتىش، خەلقئارالاشتۇرۇش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى، ئۈزۈلمەس ھاياتىي كۈچ ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئاتا قىلىشىڭلار كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تاللىشىڭلاردا چىڭ تۇرۇپ، ئىرادەڭلاردىن يانماڭلار. شىنجاڭ زېمىنى كەڭ، بايلىقى مول، مەدەنىيىتى كۆپ مەنبەلىك، خەلقى تىرىشچان، نى - نى ئىشلارنى قىلغىلى بولىدىغان مۇنبەت تۇپراق، تۆھپە قوشۇش روھىغا باي ياشلارنىڭ يىلتىز تارتىپ، گۈللەندۈرۈشىگە موھتاج، بۇ ھەم شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئارزۇسى. تاللاشتا چىڭ تۇرۇش ئېتىقادتا چىڭ تۇرۇش دېگەنلىك، ئېتىقادتا چىڭ تۇرۇش ئۈچۈن چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش كېرەك. كۆپچىلىكنىڭ شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغۋار ئىشنى تاللىغانلىقى مەسئۇلىيەت ۋە شەرەپ يولىنى تاللىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. شۇڭا، چېگرا رايوندا، ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىشتىن ئىبارەت بۇ مەسئۇلىيەتنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاساسىي قاتلامنى ئارزۇنى قاناتلاندۇرىدىغان زېمىن، ئىرادىنى چېنىقتۇرىدىغان دەرسخانا دەپ بىلىپ، بۇ كەڭ زېمىندا تالانتىڭلارنى نامايان قىلىپ، بۇ چوڭ پېچتا پولاتتەك تاۋلىنىپ، «تۆتتە كۈچلۈك»، «ئۈچتە ئىقتىدارلىق» بولۇش تەلىپى بويىچە دادىل ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلەپ، شىنجاڭچە ياخشى كادىرلاردىن بولۇشۇڭلار كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: قوش تىلنى ياخشى ئۆگىنىپ، ئاممىۋى خىزمەت ئىشلەشنى ئۆگىنىشىڭلار كېرەك. قوش تىل كۆپچىلىك ئۆتمىسە بولمايدىغان قىيىن ئۆتكەل، قېتىرقىنىپ، ئەستايىدىل ئۆگىنىش، ئەمەلىيەت داۋامىدا ئۆگىنىش كېرەك. ئاممىۋى خىزمەت ئىشلەشنى ئۆگىنىپ، ئاممىۋى خىزمەتنى ئىشلەشكە ماھىر بولۇشۇڭلار كېرەك، بۇ، ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم بەلگىسى. «ئۈچ ئەل» پائالىيىتىدە كەنتكە چۈشكەن كادىرلاردىن، ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىدىن ئۆگىنىشىڭلار، مەسئۇلىيەت ۋە مۇھىم ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالالايدىغان ياراملىق كادىرلاردىن بولۇشۇڭلار كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالاقىدار تەرەپلەر ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزۈپ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يېزا - بازارلىرىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ئىستۇدېنتلارنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈشى، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئۇلارغا ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىقتىدارىنى نامايان قىلىدىغان سەھنە ھازىرلاپ بېرىپ، قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ئىدىيە جەھەتتىن تەربىيەلەپ، تەجرىبىلەرنى ئۆگىتىپ، خىزمەتتە يېتەكلەپ، تۇرمۇشتا ياردەم بېرىپ، قوبۇل قىلغىلى، تۇتۇپ قالغىلى، سىغدۇرغىلى، ئىشلەتكىلى بولىدىغان خىزمەت مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئۇلارنى خاتىرجەم ئىشلەش ۋە ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىش شارائىتىغا ئىگە قىلىشى كېرەك. كۆپچىلىكنىڭ كىشىلىك ھايات مەسئۇلىيىتىنى شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىق ئىشلىرىغا بىرلەشتۈرۈپ، قان - تەرىنى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئاساسىي قاتلىمىغا سىڭدۈرۈپ، ئەمەلىي نەتىجە يارىتىپ، تەشكىلنىڭ، ئاممىنىڭ، كۆپچىلىكنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلاپ، ئەلا نەتىجە بىلەن پارتىيە ۋە خەلققە جاۋاب قايتۇرۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، خۇاڭ ۋېي، ما شۆجۈن سۆھبەتكە قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر