باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو «نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقى دېلوسىدىكى دۈشمەن جىنايىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتى»نىڭ ئارخىپىنى ئېلان قىلدى

2015.12.09 15:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نەنجىڭ شەھەرلىك ئارخىپخانا 8-دېكابىر ھۆكۈمەت تور بېكىتى، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مىكرو بىلوگى ۋە ئۈندىدارىدا ئارخىپخانىدا ساقلانغان «نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقى دېلوسىدىكى دۈشمەن جىنايىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتى»نىڭ ئەسلىدىكى ئارخىپى ۋە سۈرەتلىرىدىن 15نى ئېلان قىلدى، بۇنىڭ بەزىلىرى تېخى تۇنجى قېتىم ئاشكارىلانغان. بۇ ئارخىپلارنىڭ ھەممىسى ب د ت مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتى تەرىپىدىن «دۇنيا خاتىرىلىرى تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈلگەن نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقى ئارخىپىنىڭ بىر قىسمىكەن.

  نەنجىڭ شەھەرلىك ئارخىپخانىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى شۈ خەيفېڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم ئېلان قىلغان 15 دېلو ئەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە بولۇپ، كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈش، بۇلاپ ئۆلتۈرۈش، باسقۇنچىلىق قىلىش قاتارلىق ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭ تىپىك جىنايىتىگە چېتىلىدۇ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ئادەتتىكى شەھەر ئاھالىسى، راھىب، ئوقۇغۇچى قاتارلىقلار. جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغان ياپون باسقۇنچىلىرى 1937-يىلى 13-دېكابىر نەنجىڭنى ئىشغال قىلىپ، ئۇنىڭدىن كېيىنكى بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقىمۇ يوق 300 مىڭدىن ئارتۇق ئاددىي پۇقرا ۋە قورال تاشلىغان ئەسكەرلەرنى قانلىق قىرغىن قىلىپ، ئالەمدە كۆرۈلمىگەن نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئۇرۇشتىن كېيىن، توكيو يىراق شەرق خەلقئارا ھەربىي سوتى ۋە نەنجىڭ جۇڭگو دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنى سوت قىلىش ھەربىي سوتىنىڭ ياپونىيە ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنى سوت قىلىش خىزمىتىگە ماسلىشىش ئۈچۈن، نەنجىڭ ۋاقىتلىق كېڭەش پالاتاسى «نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقى دېلوسىدىكى دۈشمەن جىنايىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتى» قۇرۇپ، تەكشۈرۈش، ئىستاتىستىكىلاش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. مەزكۇر كومىتېت 1946-يىلى 7-ئايدىن 11-نويابىرغىچە دۈشمەننىڭ جىنايى دېلوسىدىن 2784نى تەكشۈردى، بارلىق تەكشۈرۈش ماتېرىياللىرىنىڭ ھەممىسى دەرىجىمۇ دەرىجىدە تەستىقلىنىپ، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ھەربىي سوتىنىڭ ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنى تەپتىش قىلىش، جازالاش، سوراق قىلىش ئاساسى قىلىشقا بېرىلدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر