- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئوبامانىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش سىياسىتى ھەققىدە سۆز قىلدى: خەلقئارا جەمئىيەت تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى كېرەك
2015.12.09 15:02 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ 8-دېكابىر مۇنداق دېدى: ئامېرىكا، كالفورنىيە شتاتىدىكى قوراللىق ئېتىشىش ۋەقەسىنىڭ خاراكتېرىنى تېررورلۇق قىلمىشى دەپ بېكىتتى، تېررورلۇق ئىنسانلارنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، خەلقئارا جەمئىيەت تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى كېرەك.
ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 6-دېكابىر تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىيىتى ۋە سىياسىتى توغرىسىدا تېلېۋىزىيە نۇتىقى قىلىپ، كالفورنىيەدىكى قوراللىق ئېتىشىش ۋەقەسىنىڭ بىگۇناھ كىشىلەرگە زىيانكەشلىك قىلىدىغان تېررورلۇق قىلمىشى ئىكەنلىكى، تېررورلۇقنىڭ يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويغانلىقىنى بىلدۈردى.
خۇا چۈنيىڭ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا كالفورنىيە شتاتىدىكى قوراللىق ئېتىشىش ۋەقەسىنىڭ خاراكتېرىنى تېررورلۇق قىلمىشى دەپ بېكىتتى. بىز بۇ ۋەقەنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچىلارنى يەنە بىر قېتىم ئەيىبلەيمىز، بەختسىزلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا تەزىيە بىلدۈرىمىز، يارىلانغانلار ۋە بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن ھال سورايمىز. تېررورلۇق ئىنسانلارنىڭ ئورتاق دۈشمىنى. جۇڭگو ھەر قانداق شەكىلدىكى تېررورلۇق قىلمىشغا قارشى تۇرىدۇ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر