باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى: بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈشتىكى دۆلەت مۈلكىنىڭ ئېقىپ كېتىش جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈلىدۇ

2015.12.08 14:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ئىسلاھاتى تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكرى» يېقىندا ئېلان قىلىندى. «پىكىر»دە قانداق يارقىن نۇقتىلار بار؟ قانداق قىلغاندا ئىسلاھات قىلىش جەريانىدا دۆلەت مۈلكىنىڭ ئېقىپ كېتىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا زور مىقداردىكى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش يەر بايلىقىنى جانلاندۇرغىلى بولىدۇ؟ يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى ياڭ شاۋپىن 7-دېكابىر جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلىدىغان يۇقارقى قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەرگە جاۋاب بەردى.

  بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈشتىكى دۆلەت مۈلكىنىڭ ئېقىپ كېتىش جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈلىدۇ

  بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ئىسلاھاتى زور مىقداردىكى دۆلەت مۈلكىگە چېتىلىدۇ، قانداق قىلغاندا نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، بۇ بايلىقلارنى جانلاندۇرغىلى بولىدۇ؟

  ياڭ شاۋپىن مۇنداق دېدى: بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىك كارخانىلىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىسلاھ قىلىشتا يېزا ئىگىلىكىنى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھ قىلىش ئاساسىي يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش بىلەن بىرگە دۆلەت كارخانىلىرىنى ئىسلاھ قىلىش ئاساسىي قانۇنىيىتىگىمۇ ئەمەل قىلىشى كېرەك. بۇ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ئىسلاھاتىنىڭ قىيىن نۇقتىسى. بۇ قېتىملىق «پىكىر»دە بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئورنىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  ئىگىلىنىشچە، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ھازىر 1 تىرىليون 39 مىليارد 200 مىليون يۈەن دۆلەت مۈلكى(يەر قاتارلىق بايلىق قاتارلىق مۈلۈكنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)، 371 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر يەر، 93 مىليون 160 مىڭ مو تېرىلغۇ يەرگە ئىگىكەن. ئۇزاقتىن بۇيان، كۆپ تەرەپنىڭ چەكلىمىسى بىلەن، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈشنىڭ دۆلەت مۈلكى ھوقۇق تەۋەلىكى ئېنىق بولماسلىق، ياخشى باشقۇرماسلىقتەك مەسىلىلەر مەۋجۇت بولغاچقا، بەلگىلىك نىسبەتتە بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈشتىكى دۆلەت مۈلكىنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

  ياڭ شاۋپىن مۇنداق دېدى: بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ مەبلەغ قوشۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشنى مۇقىملاشتۇرۇپ، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش كارخانىلىرى ۋە دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش كارخانىلىرىنىڭ تىجارەت ۋە مەبلەغ سېلىش يۆنىلىشىنى ئىگىلەپ، دۆلەت مۈلكىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىغا نۇقتىلىق مەبلەغ سېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، دۆلەت مۈلكىنىڭ قىممىتىنى ساقلاش، قىممىتىنى ئاشۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىش كېرەك. دۆلەت مۈلكىنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. دۆلەت كاپىتالىنىڭ تىجارەت قىلىشقا ھوقۇق بېرىش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش دۆلەت كاپىتالىغا مەبلەغ سالىدىغان، تىجارەت قىلىدىغان شىركەتلەرنى قايتا تەشكىللەشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر