باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ئافرىقا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى زۇما بىلەن كۆرۈشتى

2015.12.04 16:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3-دېكابىر پرېتورىيەدە ئافرىقا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى زۇما بىلەن كۆرۈشتى.شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئافرىقا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئېتىبار بېرىدۇ، ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ ئافرىقىدا تەرەققىي قىلىشى، بىر گەۋدىلىشىشى، خەلقئارا، رايون ئىشلىرىدىكى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللايدۇ. ئىككى تەرەپ سىياسىيدا ئۆز ئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، سۆھبەتلىشىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشى كېرەك؛ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىدىن تۇتۇپ، جۇڭگو-ئافرىقا تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئۇدۇللىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئافرىقىنىڭ ئۇل ئەسلىھەدە ئارقىدا قېلىش ۋە ئىختىساسلىقلار كەمچىل بولۇشتەك ئىككى تەرەققىيات ئاجىزلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىش كېرەك؛ كېسەللەردىن مۇداپىئەلىنىش ۋە كونترول قىلىش، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى يارقىن نۇقتىسىنى يارىتىش كېرەك. جۇڭگو ئىزچىل «ئافرىقىلىقلارنىڭ ئافرىقا مەسىلىسىنى ئافرىقىچە ئۇسۇلدا ھەل قىلىش»نى قوللاپ، ئىچكى ئىشلارغا ئارىلاشماسلىق پىرىنسىپىدە چىڭ تۇرۇپ، ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ ئافرىقىنىڭ تىنچ مۇقىملىقى ئۈچۈن چىقارغان تىرىشچانلىقىنى قوللاپ، ئافرىقا بىلەن بولغان تىنچلىق، بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۇھىم خەلقئارا مەسىلىلەردىكى پىكىرلىشىش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ب د ت قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك سورۇنلاردا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداشنى خالايدۇ.

  زۇما مۇنداق دېدى: جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 15 يىللىقى مابەينىدە، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جەنۇبىي ئافرىقىغا كېلىپ مۇنبەرنىڭ 2-قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىشى ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. جۇڭگونىڭ ئۇزاقتىن بۇيان ئافرىقىغا ياردەم بەرگەنلىكى، بولۇپمۇ ئافرىقا دۆلەتلىرى يېقىندا ئېبولا ۋىرۇسىغا قارشى تۇرغاندا ۋاقتىدا بەرگەن قىممەتلىك ياردىمىگە، ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ تىنچلىقنى قوغداش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمىز. ئافرىقا دۆلەتلىرى «2063-يىللىق قارالما»نى ئىشقا ئاشۇرۇش جەريانىدا جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر