باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەركەز تاراتقۇلىرى مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئالدىن خەۋەر قىلىشنى باشلىدى

2015.12.09 15:39         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، «خەلق گېزىتى»، شىنخۇا ئاگېنتلىقى، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، جۇڭگو خەلقئارا رادىيو ئىستانسىسى، «جۇڭگو ياشلىرى» گېزىتى، «جۇڭگو تەنتەربىيە گېزىتى» قاتارلىق يەتتە تاراتقۇنىڭ مۇخبىرلىرىدىن تەشكىللەنگەن زىيارەت ئەترىتى 12 - ئاينىڭ 7 - كۈنى ئۈرۈمچىگە كېلىپ، مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئالدىن خەۋەر قىلىشنى باشلىدى.

  مەركەز تاراتقۇلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى 12 - ئاينىڭ 8 - كۈنىدىن باشلاپ ئۈرۈمچى ۋە سانجى ئوبلاستىدىكى ئىككى مۇسابىقە رايونىغا بېرىپ، مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەيدان - ساراي قۇرۇلۇشى، تەييارلىق ئەھۋالى ۋە ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيىتى ئەھۋالىنى ئىگىلەيدۇ. ئاندىن ئۇلار ئالتاي ۋىلايىتىگە بېرىپ، ئىنسانلارنىڭ چاڭغا تېيىلىش ھەرىكىتى باشلانغان ماكاننىڭ تارىخى ۋە قەدىمىي تېرە چاڭغىنى ياساش ھۆنىرىنى ئېكسكۇرسىيە ۋە زىيارەت قىلىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لى گۇاڭمىڭ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىز 2012 - يىلى 3 - ئايدا جىلىن ئۆلكىسىدىن مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بايرىقىنى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزدا قىشلىق تەنھەرىكەت مەيدان - سارايلىرى يوقلۇقتىن بارلىققا كەلدى، بەزى قىشلىق تەنھەرىكەت تۈرلىرى كىچىكلىكتىن زورايدى، شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قار - مۇز تەنھەرىكىتى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈش دۆلىتىمىز 2022 - يىللىق قىشلىق ئو ت م نى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان پەيتكە، ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىىغا توغرا كەلدى، شۇڭا مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 60 يىللىق تەرەققىيات ئۆزگىرىشىنى نامايان قىلىدىغان مۇھىم سۇپا. بىز ئالدىنقى قاتاردىكى تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرى، ئالدىنقى قاتاردىكى كۈتۈۋېلىش مۇلازىمىتى، ئالدىنقى قاتاردىكى قاتناش تورى، شىنجاڭلىقلارنىڭ قىزغىن، مېھماندوستلۇقى بىلەن جاي - جايلاردىن كەلگەن مېھمانلارنى كۈتۈۋالىمىز.

  دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى تەشۋىقات مەھكىمىسى ئاخبارات - تەشۋىقات باشقارمىسىنىڭ باشلىقى جو جىڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى خەۋەر قىلىش پائالىيىتىنىڭ تېخىمۇ كۆپ كىشىنى شىنجاڭنىڭ قار - مۇز تەنھەرىكىتى ھەققىدە چۈشەنچىگە ئىگە قىلىپ، شىنجاڭنىڭ قار - مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر