باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دوكتور ئاشتى تۈزۈمى ئىسلاھاتى: پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى رەھبىرىي كادىرلىرىنىڭ ۋەزىپىدە تۇرۇپ دوكتور ئاشتى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا بولمايدۇ

2015.12.07 16:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئېلىمىز 1985-يىلى يولداش دىڭ شياۋپىڭنىڭ غەمخورلۇقىدا دوكتور ئاشتى تۈزۈمى ئورناتتى. 30 يىلدىن بۇيان، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە دوكتور ئاشتى تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك پورەكلەپ ئېچىلىپ، ئېلىمىزگە زور تۈركۈم يۇقىرى سەۋىيىلىك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ بەردى. گوۋۇيۈەن يېقىندا «دوكتور ئاشتى تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»نى ئېلان قىلدى. ئالىي مەكتەپلەرنى نۇقتىلىق تېما تەتقىقاتىنى يولغا قويۇش، مەخسۇس تېمىلىق تەكشۈرۈش تەتقىقاتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇشقا ھاۋالە قىلىش ۋە ھەر قايسى تەرەپلەردىن پىكىر توپلاش ئارقىلىق، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ئىككى يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ «پىكىر»نى تۈزۈپ تاماملاپ، دوكتور ئاشتى تۈزۈمى ئىسلاھاتى ئۈچۈن مەزمۇت قەدەم تاشلىدى.

  «كىرىش بوسۇقى»نى چىڭ تۇتۇپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى رەھبىرىي كادىرلىرىنىڭ ۋەزىپىدە تۇرۇپ دوكتور ئاشتى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويماسلىق كېرەك

  ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى كەسپىي تېخنىكا خادىملارنى باشقۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: «پىكىر»نى يېزىش ۋە تۈزۈش جەريانىدا، يېڭىلىق يارىتىش ئىدىيەسى بىلەن دوكتور ئاشتى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى يېتەكچى، دوكتور ئاشتى تەربىيەلەش سۈپىتىنى ئاشۇرۇشنى يادرو قىلىپ، دوكتور ئاشتى تەربىيەلەش نىشانى ۋە دوكتور ئاشتى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئورنىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، «پىكىر»نى نىشانلىق ۋە مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە قىلدۇق.

  «پىكىر»نى تەپسىلىي ئوقۇيدىغان بولساق، ئەستايىدىللىق بىلەن پەن-تەتقىقات قىلىدىغان ياش دوكتور ئاشتى قوشۇنى بەرپا قىلىش بۇنىڭ ئاساسىي مەقسىتى. شۇڭا پىكىردە «كىرىش بوسۇقى»نى چىڭ تۇتۇپ، پونكىت تەسىس قىلغان ئورۇنلاردىن « ۋەزىپىدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ رەھبىرىي كادىرلىرىنى دوكتور ئاشتى تەتقىقاتىغا قوبۇل قىلماسلىق»نى تەلەپ قىلدى؛ شۇنىڭ بىلەن بىرگە «چىقىش ئېغىزى»نى ئېچىپ، «دوكتور ئاشتى تەتقىقاتچىلارنىڭ پونكىتتىن چېكىنىش شەرتى ۋە تەرتىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش»نى تەلەپ قىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا، «پىكىر»دە دوكتور ئاشتى تەتقىقاتچىلىرىنى قوبۇل قىلىش ياش چەكلىمىسىنى قاتتىق كونترول قىلىش كۆرسىتىلىپ، دوكتور ئاشتىغا ئىلتىماس قىلغۇچىلارنى ياش چەكلىمىسى «40 ياشتىن تۆۋەنلەر»دىن «35 ياشتىن تۆۋەنلەر»گە ئۆزگەرتىلدى. لېكىن ياش چەكلىمىسى مۇقىم شەرت ئەمەس، «پىكىر»دە «كارخانىلارنىڭ دوكتور ئاشتى پەن-تەتقىقات خىزمەت پونكىتى ياكى فىلولوگىيە پەن ساھەسى، ئىختىساسلىقلار كەمچىل، ئاساسى ئاجىز تەبىئىي پەن ساھەسىنىڭ دوكتور ئاشتى تەتقىقات ئالماشتۇرۇش پونكىتىغا كىرىشكە ئىلتىماس قىلغانلارنىڭ شەرتىنى مۇۋاپىق قويۇۋېتىشكە بولىدۇ» ۋە «پونكىت تەسىس قىلغان ئورۇنلاردىكى دوكتورلارنىڭ ئۆز ئورنىنىڭ ئوخشاش بىر دەرىجىلىك دوكتور ئاشتى تەتقىقات ئالماشتۇرۇش پونكىتىغا كىرىش چەكلىمىسىنى مۇۋاپىق قويۇۋېتىش» مۇقىملاشتۇرۇلۇپ، تېخىمۇ كۆپ ياراملىق، ئىرادىلىك ياش دوكتورلارنىڭ دوكتور ئاشتى قوشۇنىغا كىرىشىگە داغدام يول ھازىرلاپ بەردى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر