خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-دېكابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:4-دېكابر، كولۇمبىيە زۇڭتۇڭى سانتوس تور ئىجتىمائىي ئالاقە چەمبىركىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كولومبىيە 1708-يىلى كولومبىيە كارتاگېنا پورتىدا ئەنگلىيە تەرىپىدىن چۆكتۈرۈۋىتىلگەن ئىسپانىيە سان جوس ناملىق چوڭ يەلكەنلىك كېمىنىڭ پارچىلىرىنى بايقىغان، ئېيتىشلارغا قارىغاندا كېمىدە نۇرغۇن ياقۇت، ئالتۇن ۋە كۈمۈش پۇل بار بولۇپ، ئومۇمىي قىممىتى 170 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن.(مەلىكەم تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى