باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەمەلىي خىزمىتى بىلەن خەلق قەلبىنى ئۆزىگە مايىل قىلدى

2015.12.07 16:43   مەنبە: خەلق تورى

خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەمەلىي خىزمىتى بىلەن خەلق قەلبىنى ئۆزىگە مايىل قىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىت مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد خەۋىرى) ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە – پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىدىن خوتەن ۋىلايىتى گۇما ناھىيەسىنىڭ قوشتاغ بازىرىدىكى بەش گۇرۇپپىغا 43 خادىم «ئۈچ ئەل» خىزمىتىگە چۈشكەن بولۇپ، ئۇلار بۇ يىل 1 – مارت ئۈرۈمچىدىن 1600 كلومېتر، خوتەن شەھىرىدىن 210 كلومېتر يىراق كېلىدىغان بۇ تاغلىق كەنتلەرگە كەلگەندىن كېيىن ۋاقىتلىق پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ يادرولۇقىدا خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىغا بويسۇنۇپ، تۈرلۈك ئىنتىزاملارغا تولۇق ئەمەل قىلىپ، ئۆز – ئارا ئىتتىپاقلىشىپ، ھەمكارلىشىپ، خىزمەتچى خادىملار پىداكارلىق بىلەن ئىشلەپ، ئاساسىي قاتلامدا ئۆز رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشقا، ئەمەلىي خىزمىتى بىلەن خەلق قەلبىنى مايىل قىلىشقا باشلىغان.

  18 – نويابىر چۈشتىن بۇرۇن ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە – پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىدىن خوتەن ۋىلايىتى گۇما ناھىيەسىنىڭ قوشتاغ بازىرى چىغلىق كەنتىگە چۈشكەن «ئۈچ ئەل» خىزمىتى گۇرۇپپىسى تۇرۇشلۇق جايغا بارغىنىمدا خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەردىن ئەنۋەر غۇلام دوختۇر ۋە يارمۇھەممەت ئىسرائىل دوختۇر كەنتتىكىلەرنىڭ كېسىلىنى كۆرۈۋاتقان ئىكەن. كەنتكە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ئادىل مەمەت ياندا بىمارلارغا خىزمەت گۇرۇپپىسى ئۆزلىرى ئۈرۈمچىدىن ئېلىپ كەلگەن دورىلارنى تارقىتىۋاتاتتى.

  ـــ بىزنىڭ كەنتكە كېلىپ 1 – قىلغان ئىشىمىز خىزمەت گۇرۇپپىسى ئىچىدە ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز باشقۇرۇپ، مۇلازىمەت ئېڭىمىزنى ئاشۇرۇپ، خىزمەت، ئۆگىنىش، تۇرمۇشتا كەنت كادىرلىرى ۋە كەنتتىكىلەر بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاش، ئىچقويۇن – تاشقويۇن بولۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئۈچ تۈرلۈك مۇھىم خىزمەتنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە – پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئىلغار خىزمەت ئۇسلۇبى ۋە ئوبرازىنى يارىتىش بولدى،- دېدى ئادىل مەمەت ماڭا ئەھۋال تونۇشتۇرغاچ.

  چىغلىق كەنتى گۇما ناھىيەسىنىڭ قوشتاغ بازىرىغا جايلاشقان بولۇپ، ناھىيە مەركىزىدىن 30 كلومتر نېرىدا، تاغلىق رايوندا ئىدى. كەنت بويىچە 1352 ئادەم بار ، بۇلتۇر كىشى بېشىغا توغرا كەلگەن كىرىم 4 مىڭ 960 يۈەن بولۇپ، كىشى بېشىغا 2.5 مو يەر توغرا كېلەتتى. كەنت بويىچە 35 نەپەر كومپارتىيە ئەزاسى بار بولۇپ، تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلىدىن 99 سى، «بەشتە كاپالەتلىك» ئائىلىدىن 12 سى، كەنتتىكى ئىككى مەسجىتتە 12 خادىم، ئۈچ ھاجىم، نۇقتىلىق كۆزىتىلىدىغان خادىمدىن تۆت ئادەم، نۇقتىلىق تەربىيىلىنىدىغاندىن يەتتە ئادەم، 2014 – يىلى جازاغا ھۆكۈم قىلىنغىنىدىن ئالتە ئادەم بار بولۇپ، دىنىي تۈس بۇ كەنتتە خېلى ئېغىر ئىدى.

  ـــ كەنتكە كېلىپ بۇ يەرنىڭ شارائىتى بىلەن بىلەن تونۇشۇش جەريانىدا بىز كەنت كومىتېتى قۇرۇلۇشى ۋە كەنت قىياپىتىدە يەنىلا نۇرغۇن يېتەرسىزلىكلەرنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلدۇق. كەنت كومىتېتىدا يىغىن زالىمۇ يوق ئىكەن، دېھقانلار يىغىنغا كەلسە مەيداندىكى توپىلۇق يەردە ئولتۇرىدىكەن، كەنت مەدەنىيەت ئۆيى، مەدەنىيەت مەيدانى يوق ئىكەن، كەنت پارتىيە ياچېيكىسى شۇجىسىمۇ 10 يىلدا توققۇز قېتىم ئالماشتۇرۇلغان بولۇپ، كەنت ئىككى كومىتېتى قۇرۇلۇشىنىڭ ئاجىزلىقى، بۇ كەنتتە نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئاستىلىتىپ قويغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ، خىزمەتنى ئالدى بىلەن ھالقىدىن تۇتۇشنى قارار قىلدۇق،- دېدى ئادىل مەمەت ماڭا.

  خىزمەت گۇرۇپپىسى كومىتېت پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ قوللىشىدا دەرھال 100 مىڭ يۈەنگە يېقىن مەبلەغ توپلاپ تېز سۈرئەتتە كەنت يىغىن زالى، كەنت مەدەنىيەت مەيدانى، مەدەنىيەت ئۆيى قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتقان. كەنت مەدەنىيەت ئۆيىگە يېڭىدىن ئالتە ئۈستەل، 12 ئورۇندۇق سەپلىگەن، كەنت مەدەنىيەت ئۆيىگە نۇرغۇن يېڭى ئۈسكۈنىلەرنى قويغان ۋە يېڭىلىغان. شۇنىڭ بىلەن كەنت كومىتېتىغا كېلىدىغان دېھقانلار جۈملىدىن ياشلار تېخىمۇ كۆپەيگەن. كەنت قىياپىتىدە ئۆزگىرىشلەر بولغان.

  ـــ بىز كەنتكە كېلىپلا تۈرلۈك مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى كۈچەپ ئېلىپ باردۇق، «8 – مارت» ئاياللار بايرىمىدا ھەممىمىز مەيدانغا چۈشۈپ ئۇسسۇل ئويناپ، ناخشا ئېيتىپ، كەنتتىكىلەر بىلەن بۇ خۇشاللىق بىرگە بەھرىمان بولۇشقا تىرىشتۇق. لېكىن مۇشۇ ئارىلىقتا يۈز بەرگەن بىر ئىش بىزنى خىزمەتلەرنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئىشلەشكە، خەلقنىڭ قەلبىدىكى تۈگۈننى ئېچىشقا، خەلق قەلبىدىكى قارا سايىنى چوقۇپ سۈپۈرۈپ تاشلاشقا تېخىمۇ رىغبەتلەندۈردى،- دېدى ئادىل مەمەت ماڭا،- بىز «8 – مارت» كۈنى ئۆتكۈزگەن پائالىيىتىمىزدە كەنتتىكى بىرقىسىم كىشىلەر ناخشا ئۇسسۇل بولىۋاتقان مەيداندا چىرايلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ، مەيدانغا چۈشمەي، مەيدانغا چۈشكەنلەرگە تىللىرىنى چاكىلدىتىپ ئولتۇردى، نۇرىمانگۈل ئىسىملىك بىر قىز بىزنىڭ ئۇسسۇل تارتىشىمىزدا مەيدانغا چۈشىۋېدى، ئۇ قىزنىڭ دادىسى مەيداندا ئولتۇرالماي چىقىپ كەتتى. بۇ ئىشنى سەزگەندىن كېيىن مەن دەرھال كەنت پارتىيە ياچېيكىسى شۇجىسىنى ئېلىپ ئۇ قىزنىڭ ئۆيىگە باردىم. قىزنىڭ دادىسى ئەخمەت مامۇت بىلەن ئۇزۇنغىچە پاراڭلىشىش جەريانىدا كەنتتىكى بەزىلەردە يەنىلا ئۇسسۇل ئوينىسا يامان بولىدۇ دەيدىغان ئەسەبىيلىك ئىدىيىسىنىڭ قالدۇقلىرىنىڭ بارلىقىنى بىلگەندىن كېيىن ئەخمەت مامۇتقا پارتىيەنىڭ دىنىي سىياسىتى، نۆۋەتتىكى دۆلەت ئەھۋالى، زامانىۋى مەدەنىيەت، دىنىي ئېتىقات، ئەسەبىيلىك ئىدىيەنىڭ زىيىنى قاتارلىقلارنى قايتا – قايتا چۈشەندۈردۇق. ئىككى سائەتلىك سۆزلىشىش جەريانىدا ئەخمەت ماممۇتنىڭ ئىدىيىسىدە خېلىلا ئۆزگىرىش بولدى. لېكىن بۇ ئۆزگىرىش ئەخمەت مامۇتتىلا بولۇپ، باشقىلاردا بولمىسا بولمايدۇ – دە. شۇنىڭ بىلەن بىز «خوتەن ۋىلايىتىنىڭ 2015 – يىللىق دىنىي ئەسەبىيلىكنى تۈگۈتىش خىزمەت تەلىبى» بويىچە «كەنت دىنىي ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمەت پىلانى» نى تۈزۈپ، كەنت دىنىي ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇردۇق. خىزمەتلەرنى ئېنىق بەلگۈلىدۇق. تېز سۈرئەتتە كەنت سەنئەت گۇرۇپپىسى قۇردۇق، ئۇسسۇل ئۆمىكى تەشكىللىدۇق، كەشتىچىلىك گۇرۇپپىسىنى قۇردۇق. ۋاسكېتبول كوماندىسى قۇردۇق، كۈندە دۆلەت بايرىقى چىقىرىش، پارتىيە ئەزالىرى پارتىيە بايرىقى ئالدىدا قايتىدىن قەسەم بەردى. «كىچىك ئالمىچاق» ئۇسسۇل ئويناش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى. نۇقتىلىق بايراملاردا تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزدۇق. «1 – ماي» بايرىمىدا كەنت بويىچە ئۆتكۈزگەن مەدەنىيەت – سەنئەت پائالىيىتىدە مەيدانغا ئۇسسۇلغا چۈشكەن ئەر – ئاياللار سانى دەسلەپكى پائالىيتىمىزگە قارىغاندا زور دەرىجىدە كۆپەيدى.

  كەنتتە ئۆيلەرگە كىرىپ ئارىلاش جەريانىدا خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر كەنت باشلانغۇچ مەكتىبىنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتىنىڭ ناچارلىقىنى، نامرات ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپلۈكىنى نەزەردە تۇتۇپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن نامرات ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىپ ئوقۇتۇش پائالىيىتىنى يولغا قويغان. «1 – ئىيۇن» ھارپىسىدا خىزمەت گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق 6 – خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ ياردىمىدە كەنت باشلانغۇچ مەكتىبىدىكى ھەممە ئوقۇغۇچىغا يېڭى سومكا، قېرىنداش، دەپتەر، تەنتەربىيە ئايىقى، ۋاسكېتبول، پۇتبول، ۋالىبول، تىك – تاك توپ قاتارلىقلارنى سوۋغا قىلغان، مەكتەپكە بولسا توڭلاتقۇ، دېزىنفېكسىيەلەش ئىشكابى، سۇنى پاكىزلاش ئۈسكۈنىسى، شامالدۇرغۇچ قاتارلىق 25 مىڭ 678 يۈەن قىممىتىدىكى بىر يۈرۈش ئۈسكۈنىلەرنى سوۋغا قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىزمەت گۇرۇپپسىدىكى توققۇز خادىم ھەر ئايدا يېنىدىن 100 يۈەندىن چىقىرىپ، كەنت باشلانغۇچ مەكتىبىدىكى 11 نامرات ئوقۇغۇچىغا ئىگە بولۇپ، ئوقۇتۇشنى باشلىغان. ئوقۇغۇچىلارنى يەنە ناھىيەدىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇش، زاۋۇت – كارخانىلارغا ئاپىرىپ، ئۇلارغا گۇما ناھىيەسىنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان ھالىتىنى، تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى كۆرسەتكەن، ئۇلارنىڭ جەمئىيەتكە مىننەتدارلىق، ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، گۈزەل ماكان قۇرۇش ئىرادىسىنى كۈچەيتكەن.

  خىزمەت ئەترىتى كەنتتىكىلەرنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى ئىگىلەش جەريانىدا،كەنتتە ئاياللار كېسىلى بىلەن بالىلاردىكى تاز كېسىلىنىڭ ناھايىتى كۆپلۈكىنى، بۇنىڭ كەنتتىكىلەرنىڭ تۇرمۇش ئادىتىدىكى يېتەرسىزلىك تۈپەيلىدىن بولغانلىقىنى بىلىپ، كەنتتىكىلەرگە داۋالاش بىلەن شەخسىي تازىلىقنى كۈچەيتىش، تۇرمۇش ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتىش تەربىيىسىنى بەرگەن، بەش گۇرۇپپا بويىچە ھەر گۇرۇپپىدىكى تىببىي خادىملار ھەر شەنبە كۈنى نۆۋەت بويىچە بازار كۈنىدە بازارلىق شىپاخانىدا، ھەر سەيشەنبە كۈنى كەنتتە خالىسانە كېسەل كۆرۈش كۈنى تەسىس قىلىپ، كېسەللەرنى ھەقسىز كۆرگەن ۋە شارائىتنىڭ يېتىشىچە ھەقسىز دورا بەرگەن. دېھقانلارغا 40 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پىلانلىق تۇغۇت ئۈسكۈنىلىرىنى تارقاتقان، پىلانلىق تۇغۇت ۋە جىنسىي ساغلاملىق تەربىيەسىنى بەرگەن. ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلار بىرلەشمىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، كەنتتىكى يەتتە مېيىپقا مېيىپلار ھارۋىسى سەپلەپ بەرگەن. بۇنىڭ بىلەن ئامما خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمىتىدىن ناھايىتى رازى بولۇشقان، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىنى چوڭقۇر ھېس قىلىشقان.

  ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە – پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىدىن قوشتاغ بازىرىغا چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باش گۇرۇپپا باشلىقى، كومىتېت پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر ماخمۇت تۇرسۇندىن ئىگىلىشىمچە، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە – پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىدىن قوشتاغ بازىرىغا چۈشكەن ھەرقايسى خىزمەت گۇرۇپپىلىرى بازار بويىچە سەييارە تىببىي ساۋاتلارنى تەشۋىق قىلىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش جەريانىدا 86 مەيدان پائالىيەت ئۆتكۈزگەن، 3870 ئادەم (قېتىم) كېسەل كۆرگەن، كۆپ قېتىم ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ كېسەل كۆرگەن، يەتتە بىمارنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىدا داۋالىنىشىغا يېشىل چىراق يېقىپ بەرگەن، ناھىيە بويىچە توشقان كالپۇك كېسىلى بار 23 بالىغا، ئالتە تۇغما يۈرەك كېسىلى بار بالىغا ھەقسىز داۋالاش ئېلىپ بارغان. ناھىيە بويىچە 2 مىڭدىن ئارتۇق بالىنىڭ تاز كېسىلىنى داۋالاپ ساقايىتقان، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ تۈر مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ، ناھىيە بويىچە يېرىم ياشتىن ئىككى ياشقىچە بولغان 2 مىڭ بالىغا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ۋە قان ئازلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش داۋالاش تۈرىنى يولغا قويغان. مەركەزنىڭ تۈر مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ ناھىيەلىك ئۇيغۇر تىبابىتى دوختۇرخانىسىغا 12 مىليون 300 مىڭ يۈەن، ناھىيەلىك ئانا – بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش دوختۇرخانىسىغا 5 مىليون 900 مىڭ يۈەن، ناھىيە بويىچە يېزا – كەنت شىپاخانىلىرىغا ئاپەتتىن كېيىن قايتا قۇرۇش مەبلىغىدىن 22 مىليون يۈەن ھەل قىلىپ بەرگەن، قوشتاغ بازارلىق شىپاخانىسىغىلا 7 مىليون 500 مىڭ يۈەن ھەل قىلىپ قايتىدىن سېلىپ بەرگەن. دېھقانلارنىڭ نوقۇللا چارۋىچىلىق، بۇغداي، قوناق تېرىش بىلەن تۇرمۇشىنى قامداشتىن قۇتۇلۇپ، ياڭاقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن 300 مىڭ يۈەن ئاجرىتىپ بەش كەنتتە 1 مىڭ 150 مو يەرگە 16 مىڭ 900 تۈپ ياڭاق كۆچىتى تىكىپ بەرگەن. 3 مىليون 700 مىڭ يۈەن ئاجرىتىپ، 15 كلومېترلىق كەنت يولىنى ئاسفالىتلاشتۇرۇپ بەرگەن. ئاپتونوم رايوننىڭ 500 مىڭ يۈەنلىك خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش تۈر مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ 217 نامرات ئائىلىگە 500 تۇياق ساغلىق قوي تارقىتىپ بەرگەن.1 مىڭ 200 ئادەم (قېتىم) نى باقمىچىلىق، بوداقچىلىق بىلىملىرى بىلەن تەربىيىلىگەن. بۇلار بارغانسېرى خىزمەت گۇرۇپپىسى بىلەن ئامما ئارىسىدىكى ئارىلىقنى يېقىنلاشتۇرغان، ھېسسىياتنى كۈچەيتكەن.

  ـــ بۇ يىل 3 – ئىيۇل گۇمىدا يۈز بەرگەن 6.5 بال يەر تەۋرەش ئاپىتىدە خىزمەت گۇرۇپپىلىرىمىز ئۆز رولىنى ناھايىتى ياخشى جارى قىلدۇردى دەپ قارايمەن،- دېدى ماخمۇت تۇرسۇن ماڭا،- ھەرقايسى خىزمەت گۇرۇپپىلىرىمىز شۇ كۈنى ھەربىر ئۆيگە كىرىپ ئەھۋال ئىگىلىدى، ئاپەتكە ئۇچرىغانلارغا چېدىر تىكىشىپ بەردى، ئۇن، گۈرۈچ، ماي يەتكۈزۈپ بەردى. ئەڭ ئاساسلىقى كەنتتىكى ئاپەتكە ئۇچراپ يارىلانغانلارنىڭ كېسىلىنى كۆرۈش بىلەن بىرگە ئۆز ئەۋزەللىكىمىزنى تولۇق جارىي قىلدۇرۇپ، خىزمەت گۇرۇپپىلىرىمىزدىكى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى، جۇڭگو تىبابىتى دوختۇرخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر تىبابىتى دوختۇرخانىسى، شىنجاڭ كۆكرەك كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق 6 – خەلق دوختۇرخانىسىدىن كەلگەن 17 نەپەر تىببىي داۋالاش مۇتەخەسسىسى ناھىيەلىك دوختۇرخانىغا ۋە ئاپەت ئېغىر دەرىجىدە يۈز بەرگەن پىشنا يېزىلىق شىپاخانىغا ياردەملىشىپ، ئاپەتتە يارىلانغانلارنىڭ كېسىلىنى داۋالاشقا قاتناشتى،خىزمەت گۇرۇپپىسىدىن ئاجرىتىلغان 12 نەپەر كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مۇتەخەسىسىسى دۆلەت، ئاپتونوم رايون ۋە ۋىلايەتلىك كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىشقا نازارەتچىلىك قىلىش خىزمىتى گۇرۇپپىسى بىلەن خىزمەت قىلىپ، گۇما ناھىيەسىدە ئاپەتتىن كېيىن كېسەللىك يامراشنىڭ ئالدى ئېلىندى. خىزمەت گۇرۇپپىلىرى ئارىسىدا ئىئانە توپلاش ئېلىپ بېرىلىپ، ئاپەت يۈز بەرگگن ئاممىغا 64 مىڭ 800 يۈەن ئىئانە يىغىلدى. بىزنىڭ ئىشلىگەن خىزمەتلىرىمىز ۋىلايەت بويىچە ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش، قۇتقۇزۇش خىزمىتىدە ئىلغار شەخىس، ئىلغار كوللېكتىپ بولۇپ باھالاندۇق. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى بىز ئەمەلىي خىزمىتىمىز بىلەن خەلق قەلبىنى ئۆزىمىزگە ھەقىقىي مايىل قىلالىدۇق.

  سۈرەتتە: خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر كەنتتكىلەرنىڭ كېسىلىنى كۆرمەكتە.

  مەنبە: خەلق تورى

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·شياڭگاڭ ئۇنىۋېرسىتېدا ئوقۇشنى خالايدىغانلار ھازىردىن باشلاپ توردا تىزىملاتسا بولىدۇ
      ·شىنجاڭ يەسلى بالىلىرى ئوقۇش رويخېتىنى بىر تۇتاش تۇرغۇزىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى قەرەللىك تىزىملاش تۈزۈمى 2016-يىلىد…
      ·ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئوقۇشتىن ۋاقتىنچە توختاپ ئىگىلىك تىكلەشكە بولىدۇ
      ·« 13 -بەش يىل» مەزگىلىدە مېيىپ ئوقۇغۇچىلار 12 يىللىق ھەقسىز مائارىپتىن بەھرىمەن بولىدۇ 
      ·ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئوتتۇرا ، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە كىلەر يىلى 23- يانۋار قىشلىق تەتىلگە قويۇپ بېرىل…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى يەسلى مائارىپىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى
      ·يەسلى مائارىپىغا 5يىلدا 400مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىندى
      ·شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى يېڭى مەكتەپ رايونى قۇرماقچى
      ·شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى مەملىكەت بويىچە 100 كۈچلۈك ئۇنىۋېرسىتېت قاتارىغا كىردى