باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2016-يىلى مەركەزنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى تارماق ۋە كەسپىي ئورۇنلارغا مەركەزلىشىدۇ

2015.12.07 16:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مەركەزنىڭ كۆزىتىش گۇرۇپپىسى سەككىز نۆۋەت كۆزىتىشنى قانات يايدۇرۇپ، 149 رايون ۋە ئورۇننى كۆزىتىپ، يەرلىك ۋە مەركەز باشقۇرۇشىدىكى مەركەز كارخانىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇردى. مەركەزنىڭ كۆزىتىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى لو لىپىڭ 6-دېكابىر مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش مەھكىمىسى تور بېكىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، مەركەزنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، 2016-يىلى تارماقلار ۋە كەسپىي ئورۇنلارنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى نۇقتىلىق ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  لو لىپىڭ مۇنداق دېدى: كۆزىتىش پارتىيە نىزامنامىسىدە بەلگىلەنگەن مۇھىم تۈزۈم، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشتىكى مۇھىم ئۇسۇل. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىدا، كۆزىتىشنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىنىشىغا قارىتا ئېنىق ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى، بۇ يىل يېڭىدىن ئۆزگەرتىلگەن كۆزىتىش خىزمىتى نىزامنامىسىدىمۇ ئېنىق بەلگىلەندى. كۆزىتىشنىڭ ئومۇميۈزلۈك بولۇشىنى مەركەز بېكىتكەن قاتتىق نىشان ۋە پارتىيە ئىچىدىكى قائىدە-تۈزۈملەر بېكىتكەن قانۇنىي ۋەزىپە دېيىشكە بولىدۇ.

  لو لىپىڭ مۇنداق دېدى: مەركەزنىڭ 1-دەرىجىلىك كۆزىتىش ئومۇميۈزلۈك قاپلىنىش ۋەزىپىسىدىن 280 نەچچىسى بار، بۇنى تەپسىلىيلەشتۈرۈپ جاي، تارماق، مەركەز كارخانىسى، پۇل-مۇئامىلە، كەسپىي ئورۇن قاتارلىق بەش بۆلەككە بۆلۈشكە بولىدۇ. «بۆلەكلەرنىڭ نۆۋەتلىشىپ ھەرىكەتلىنىشى» ئارقىلىق، جايلار ۋە مەركەز كارخانىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاش ھازىر ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاندى. بۇ يىل 3-نۆۋەتلىك كۆزىتىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، پۇل-مۇئامىلە ئورۇنلىرىنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى تاماملايدۇ. بۇ بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە بەش بۆلەكنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاش ۋەزىپىسىدىن ئۈچنى تاماملايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  لو لىپىڭ مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەملىك ئومۇميۈزلۈك قاپلاش ۋەزىپىسىدىن يەنە 100 نەچچىسى بار، ۋەزىپە ئىنتايىن مۈشكۈل. مەركەزنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، 2016-يىلى تارماقلار ۋە كەسپىي ئورۇنلارنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى نۇقتىلىق ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ئېچىلىشتىن بۇرۇن، مەركەز باشقۇرىدىغان بارلىق جايلار، تارماقلار ۋە كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ پارتگۇرۇپپىسىنى بىر قېتىمدىن كۆزىتىپ چىقىشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر