باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىنىڭ سابىق باشلىقى 23 مىليون 300مىڭ يۈەن پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن ئەرز قىلىندى، سوتتا گۇناھىنى ئېتىراپ قىلدى

2015.12.04 14:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-دېكابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-دېكابر، جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىنىڭ سابىق باشلىقى سەي روڭشېڭنىڭ پارا ئېلىش دېلوسىغا نەنجىڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 1 - سوتتا سوت ئېچىپ قاراپ چىقتى. سوتتا جاۋاپكار سەي روڭشېڭ ئۆزىنىڭ جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىنىڭ باشلىقلىق خىزمىتىدىكى قۇلايلىقىدىن ۋە ئۆزىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىدىن ياكى مەرتىۋىسىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ، يوڭخۇا شياڭگاڭ گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى ۋاڭ xx قاتارلىقلارنىڭ ھاۋالىسىنى قوبۇل قىلىپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش، كەسىپلەرنى تەڭشەش قاتارلىق ئىشلاردا ۋاڭ ×نىڭ قىزى قاتارلىق 44 نەپەر ئوقۇغۇچىغا ياردەم بەرگنلىكىنى، ۋاڭ × قاتارلىق 30 كىشىنىڭ بەرگەن پۇل-ماللىرىنى قانۇنسىز قوبۇل قىلغانلىقىنى، (جەمئىي 23 مىليون30مىڭ8074 يۈەن) بوينىغا ئالغان.

  ئەيىبلىگۈچى ئورگان مۇنداق قارىغان: سەي روڭشېڭ دۆلەت خىزمەتچىسى تۇرۇپ، خىزمىتىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، باشقىلارنىڭ مال- مۈلكىنى قانۇنسىز ئېلىپ، باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەپ، ۋە ئۆزىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىدىن ياكى مەرتىۋىسىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ، نامۇۋاپىق مەنپەئەتكە ئېرىشكەن، بۇ قىلمىشى خىيانەتچىلىك جىنايىتىنى شەكىللەندۈرگەن.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر