- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ تىرىك چارۋا-مال بازىرى - ۋېنجو-باي تىرىك چارۋا –مال بازىرىدا تىجارەت باشلاندى
2015.12.04 11:29 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (باي ناھىيەلىك مالىيە ئىدارىسىدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇربان مولنىياز خەۋەر قىلىدۇ) جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ تىرىك چارۋا-مال بازىرى - ۋېنجو-باي تىرىك چارۋا –مال بازىرىدا يېقىندا رەسمىي تىجارەت باشلاندى.
بۇ بازار-باي ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىدىكى مىچىغ يېزىسى تەۋەسىگە جايلاشقان بولۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى 63مو ،قۇرلۇش كۆلىمى 9468كۇۋادىرات مېتېر،ئومۇمىي سېلىنغان مەبلەغ 23مىليۇن 880مىڭ يۈەن. كۈندىلىك سودا قىلىندىغان تىرىك چارۋا-مال 4000تۇياقتىن ،سودا –سېتىق بىلەن شۇغۇللىندىغانلار 1000ئادەمدىن، كۈندۈلۈك سودا پۈتۈشۈش سوممىسى 5مىليۇن يۈەندىن ئاشىدۇ .
باي ناھىيەسى –ئاپتونۇم رايۇنىمىزدىكى يېزا ئىگىلىك چوڭ ناھىيەسى بولۇپ ،ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمى 500مىڭ مودىن ئاشىدۇ، مول يەم –خەشەك مەنبەسىگە ئىگە. باي ناھىيەسى يەنە ئاپتونۇم رايۇنىمىزدىكى چارۋۇچىلىقتىكى كۈچلۈك ناھىيە بولۇپ، چارۋا-مال قوتان قالدۇقى 1مىليۇن تۇياقتىن ئاشىدۇ. بۇ بازارنىڭ قۇرۇلۇشى باي ناھىيەسىنىڭ چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلار ئوبۇروتىنى تېزلىتىپ، چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.
كانچى يېزا ئارال كەنتىدىن ئابلا ھاشىم مۇنداق دېدى: بىزنىڭ ئىلگىركى چارۋا-مال بازىرىمىز بەكلا كىچىك بولۇپ، سودا-سېتىق قىلغۇچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايتى، شارائىتىمۇ بەك ناچار ئىدى.بۇ بازار قۇرۇلۇپ بەك ياخشى بولدى.
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر