باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جاڭ گاۋلى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ خىزمەتلىرىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

2015.12.03 15:03         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى 29-نويابىردىن 1-دېكابىرغىچە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى، ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. جاڭ گاۋلى جۇڭگو (گۇاڭدۇڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى شېنجېن چيەنخەي شېكۇ تارماق رايونىغا بېرىپ، يۈك ساندۇقى پىرىستانى ۋە چيەنخەي ئەركىن سودا رايونىنى پىلانلاش كۆرگەزمە زالىنى تەكشۈردى، جۇڭشىڭ، خۇاۋېي، گۇاڭجۇ رەقەملىك كونتىرول شىركىتى قاتارلىق شىركەتلەرگە بېرىپ، تەتقىقاتچىلارنى يوقلىدى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش ۋە يۇقۇرى تېخنىكىلىك جابدۇق ياسىمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. جاڭ گاۋلى تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. جاڭ گاۋلى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا ئېرىشكەن يېڭى نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر