باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 8 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 10 - ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

2015.12.04 14:56         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئومۇمىي يىغىندا جاڭ چۈنشيەننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن بەرگەن خىزمەت دوكلاتى مۇزاكىرە قىلىندى، شۆھرەت زاكىرنىڭ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 13 - بەش يىللىق يىرىك پىلان تېزىسى» توغرىسىدىكى ئىزاھاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە مۇزاكىرە قىلىندى

  ئومۇمىي يىغىندا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە بارلىق پارتىيەلىك كادىرلار يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، مەۋقەنى يېڭى پەللىگە قويۇپ، يېڭى نورمال ھالەتكە ماسلىشىپ، يېڭى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، كۈچلۈك بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، 13 - بەش يىللىق ئۇلۇغۋار پىلاننى قەتئىي رېئاللىققا ئايلاندۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئىشلىرىدا تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا چاقىرىق قىلىندى

   ئۆز خەۋىرىمىز. ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 8 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 10 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قارارى(2015 - يىل 12 - ئاينىڭ 3 - كۈنى ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 8 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 10 - ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللاندى)

  ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 8 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 10 - ئومۇمىي يىغىنى 2015 - يىل 12 - ئاينىڭ 2 - كۈنىدىن 3 - كۈنىگىچە ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 63 ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 15 كاندىدات ئەزاسى قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ۋە ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى. ئومۇمىي يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى رىياسەتچىلىك قىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن مۇھىم سۆز قىلدى.

  ئومۇمىي يىغىندا جاڭ چۈنشيەننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن بەرگەن خىزمەت دوكلاتى مۇزاكىرە قىلىندى، شۆھرەت زاكىرنىڭ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 13 - بەش يىللىق يىرىك پىلان تېزىسى» توغرىسىدىكى ئىزاھاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلۈپ ۋە مۇزاكىرە قىلىنىپ، «تېزىس»كە يەنىمۇ تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ مۇكەممەللەشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش تەكلىپى بېرىلدى.

  ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق قارالدى: ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5 - ئومۇمىي يىغىنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدا ئېچىلغان بىر قېتىملىق مۇھىم يىغىن. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە ئومۇمىي يىغىندا قاراپ چىقىلىپ ماقۇللانغان «تەكلىپ»تە، دۆلىتىمىزنىڭ «13 - بەش يىل»دىكى يېتەكچى ئىدىيەسى، تۈپ پىرىنسىپى، نىشان - تەلىپى، ئاساسىي ئىدىيەسى ۋە مۇھىم تەدبىرلىرى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، «13 - بەش يىل»دىكى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ يۆنىلىشى، پىرىنسىپال زور مەسىلىلەر چوڭقۇر شەرھلەنگەن بولۇپ، ناھايىتى كۈچلۈك ئىدىيەۋىلىك، ئىستراتېگىيەلىك، ئالدىن كۆرەرلىك ھەم يېتەكچىلىك خاراكتېرىگە ئىگە. ئۇ بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەت قىبلىنەمىسى، شۇنداقلا پۈتۈن پارتىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە سەپەرۋەر قىلىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە بارلىق پارتىيەلىك كادىرلار ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مېڭىسىنى ئومۇمىي يىغىننىڭ روھى بىلەن ھەقىقىي قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك.ئومۇمىي يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق خىزمەتلىرى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى. يىغىندا بىردەك مۇنداق قارالدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى «پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپى بىزنىڭ ۋەزىپىمىز» دېگەن قاراشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ 2 - قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئومۇمىي نىشانىنى چۆرىدەپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى ھەم مۇقىم ئاساستا ئىلگىرىلەش، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىش ئاساسىي مۇقامىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەت ۋە مۇقىملىقنى قەتئىي قوغداپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دىن ئىناقلىقىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈردى؛ خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى يېڭى نورمال ھالەتكە پائال يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ۋە تېز تەرەققىياتىنى ساقلىدى، «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» مەخسۇس تەربىيەسىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئۈچ ئەل» پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى داغدۇغىلىق خاتىرىلەپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق قاتارلىق تۈرلۈك ئىشلاردا كۆرۈنەرلىك يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

  ئومۇمىي يىغىندا، «12 - بەش يىل» مەزگىلىدە شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن زور نەتىجىلەرگە يۈكسەك باھا بېرىلدى. يىغىندا مۇنداق قارالدى: مۇرەككەپ ئىچكى - تاشقى ۋەزىيەتتە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم زىددىيەت ۋە مەسىلىلەردىن ئۆزىنى قاچۇرماي، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىياسىيدا كۈچلۈك بولۇپ، ئىسلاھاتتا چىڭ تۇرۇپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق يېتەكلەپ، قانۇن ئىدارە قىلىش تەرتىپىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئېكولوگىيەلىك رايون قۇرۇش ۋە ئاساسىي قاتلامنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭچە ئىلمىي تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدەندى. بولۇپمۇ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ئۇنى قوللىشى نەتىجىسىدە، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئۇنىۋېرسال ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى؛ خەلق تۇرمۇشى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى؛ ئۇل ئەسلىھە ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قۇرۇلۇشى تېخىمۇ كۈچەيتىلدى؛ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە زور ئىلگىرىلەش بولدى؛ مىللەتلەر ۋە دىن خىزمىتىدە يېڭى قەدەم تاشلاندى؛ جەمئىيەت مۇقىم بولۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىدا يېڭى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى؛ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مول نەتىجە بەردى؛ 12 - بەش يىللىق يىرىك پىلاندا بېكىتىلگەن كۆرسەتكۈچ ۋە ۋەزىپىلەر ئومۇميۈزلۈك ئورۇندالدى، ئاساسلىق كۆرسەتكۈچ ۋە ۋەزىپىلەر نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇندىلىپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئەڭ ياخشى ھەم ئەڭ تېز بولغان، ئامما ئەڭ كۆپ نەپكە ئېرىشكەن مەزگىلگە قەدەم قويدى.

  ئومۇمىي يىغىندا «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات مۇھىتىدا يۈز بېرىدىغان چوڭقۇر ئۆزگىرىشلەر تەھلىل قىلىنىپ مۇنداق قارالدى: ئەڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات يېڭى نورمال ھالەتكە ئۆتىدۇ، ئۇ سۈرئەت ئۆزگىرىش، قۇرۇلما ئەلالىشىش، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئالمىشىشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئالاھىدىلىكتە ئىپادىلىنىدۇ، شۇڭا يېڭى نورمال ھالەتكە ماسلىشىش، يېڭى نورمال ھالەتنى ئىگىلەش، يېڭى نورمال ھالەتكە يېتەكچىلىك قىلىش ئومۇمىي تەلىپى بويىچە ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاش كېرەك.

  ئومۇمىي يىغىندا شىنجاڭنىڭ «13 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى: جۇڭگوچە سوتسيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ماركسىزم - لېنىنىزم، ماۋزېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى ۋە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت بۇ ئومۇمىي نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى يېتەكچى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئاساس قىلىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئىتتىپاق - مۇقىم قىلىش، ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش، تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىش، ماس تەرەققىي قىلىش، تەرەققىيات يېشىل بولۇش، ئوچۇق تەرەققىي قىلىش، تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىلىنىشتە چىڭ تۇرۇش، ئىقتىسادىي، سىياسىي، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتنى ئۆز قەرەلىدە قۇرۇپ چىقىشقا كاپالەتلىك قىلىش.

  ئومۇمىي يىغىندا شىنجاڭنىڭ «13 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئىقتىسادنىڭ ئوتتۇراھال يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشىنى ساقلاپ، كەسىپلەرنى ئوتتۇراھال يۇقىرى سەۋىيەگە يۈزلەندۈرۈش، شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ ئېشىش سەۋىيەسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش سەۋىيەسىدىن تۆۋەن بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش. تەرەققىيات بوشلۇقى ئەندىزىسى ۋە ئىقتىساد قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، نوپۇستىكى ئاھالىنى شەھەر - بازارلاشتۇرۇش نىسبىتىنى تېز ئۆستۈرۈش، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتا كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈش. خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ۋە سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ھازىرقى ئۆلچەم بويىچە يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ناھىيەلەرنىڭ نامراتلىق قالپىنى ئومۇميۈزلۈك چۆرۈپ تاشلاپ، رايون خاراكتېرلىك نامراتلىق مەسىلىسىنى ئومۇميۈزلۈك ھەل قىلىش. ئىجتىمائىي مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاپ، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتا مۇھىم ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىش.

  ئومۇمىي يىغىندا، شىنجاڭنىڭ «13 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا «تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىش، ماس تەرەققىي قىلىش، تەرەققىيات يېشىل بولۇش، ئوچۇق تەرەققىي قىلىش، تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىلىنىش»تىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەدە قەتئىي چىڭ تۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: «13 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا ئىدىيە، مەسىلە ۋە ئەمەلىيەت ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىش، ماس تەرەققىي قىلىش، تەرەققىيات يېشىل بولۇش، ئوچۇق تەرەققىي قىلىش، تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىلىنىش قارىشى، مەركەزنىڭ 2 - قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا بېكىتىلگەن «شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئىتتىپاق - مۇقىم قىلىش، ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈش» ئىبارەت شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ھەم يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئوتتۇرىغا قويغان بىر قاتار مۇھىم ئىدىيەلەردە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى ئىدىيە ئارقىلىق تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك. مەسىلە ئېڭىنى كۈچەيتىپ، زىددىيەتلەرگە بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، بىخ ھالىتىدە تۇرغان خاھىش خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بايقاپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى مۇھىم، ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەر ھەم ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولۇۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەر، تەرەققىياتنى چەكلەۋاتقان تۈزۈلمە ۋە مېخانىزم خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىش ئارقىلىق، تۈرلۈك ئىشلارنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك. ئەمەلىيەتنى، ئۈنۈمنى 1 - ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك، شىنجاڭنىڭ بۇ بىر نەچچە يىللىق ئەمەلىيىتىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقى ئىسپاتلانغان، ھەر مىللەت خەلق ھىمايە قىلىدىغان ئىدىيە، سىياسەت ۋە تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئەمەلىيەت جەريانىدا يەنىمۇ بېيىتىپ، جانلىق ئۆزگىرىش ۋە ئىسلاھات ئەمەلىيىتى ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك.

  ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق دېيىلدى: ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت «بەش بىر گەۋدە» ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرىلەيدىغان، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان، شەھەر - يېزىلارنى ئومۇميۈزلۈك قاپلايدىغان ھاللىق جەمئىيەت. شۇڭا ئاساسلىق زىددىيەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ، نۇقتىلىق ساھەلەرنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش داۋامىدا مۇھىم نۇقتا ۋە قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك ھەل قىلىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەپ، تەرەققىياتتىكى سۈپەت ۋە ئۈنۈم مەسىلىسىنى كۈچەپ ياخشى ھەل قىلىش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى 1 - نىشان قىلىپ، كەسىپلەر ئارقىلىق يېتەكلەش، ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق مەدەت بېرىش، ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، نىشانلىق ياردەم بېرىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا پايدىلىق ئىقتىسادىي قۇرۇلما ۋە تەرەققىيات ئۇسۇلىنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈپ، شىنجاڭدىكى كەسىپلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىغىمى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش كېرەك. ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ رىقابەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى 1 - ۋەزىپە قىلىپ، ئەۋزەل كەسپلەرنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يۇقىرى پەللە، يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سەۋىيەدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىش، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئېھتىياجدىن ئېشىپ كېتىش مەسىلىسىنى قەتئىي ھەل قىلىپ، كەسىپ - تېخنىكا، ھۈنەر - جابدۇق، ئۈنۈم، مۇھىتنى ئاسراش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش، زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىنى كۈچەپ راۋاجلاندۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىدە يېڭى ئەۋزەللىك يارىتىپ، سېلىنمىنىڭ ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىغا ئۇزاققىچە تۈرتكە بولىدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ شەكىللەندۈرۈش كېرەك. پۇل مۇئامىلىنى 1 - تايانچ قىلىپ، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلار ۋە يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەس بولۇش مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىش، تۈرلۈك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى تەسىس قىلىشنى تېزلىتىپ، كۆپ قاتلاملىق كاپىتال بازىرىنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، ھۆكۈمەت مەبلىغى ۋە ئىجتىمائىي كاپىتال ھەمكارلىقى ئەندىزىسىنى كۈچەپ كېڭەيتىش، سىستېما خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە خەۋپىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ، رايون خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە مەركەزلىرىنى تېزدىن قۇرۇپ چىقىش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىشنى 1 - ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى يادرو قىلغان ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش، «ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش، مۇھىم نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش، ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، پەرقلىق ئىستراتېگىيە ۋە تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، پەن - تېخنىكا، نەزەرىيە، تۈزۈم ۋە مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشتا زور ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىپ، غايەت زور تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى قوزغىتىش كېرەك.

   ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئاجىزلىقلارنى تۈگىتىپ، توسالغۇلارنى يوقۇتۇپ، تەرەققىياتتىكى تەكشىسىزلىك مەسىلىسىنى كۈچەپ ياخشى ھەل قىلىش كېرەك. نامرات ئاھالىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئەڭ گەۋدىلىك ئاجىزلىقنى تۈگىتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست، چېگرا رايون، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار تاغلىق رايونلارنى نامراتلىق ئۆتكىلىگە ھوجۇم قىلىشنىڭ ئاساسلىق جەڭ مەيدانى قىلىپ، نامراتلارنى تۈجۈپىلەپ يۆلەش ۋە نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇشتا چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىق ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك. يېزىلاردىكى ئاجىزلىقلارنى تۈگىتىپ، شەھەر، يېزىلارنىڭ تەرەققىياتى بىر گەۋدىلەشكەن تۈزۈلمە، مېخانىزم ئورنىتىش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، يېزا ئۇل ئەسلىھە سېلىنمىسىنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر، يېزا جامائەت بايلىقىنىڭ تەكشى تەقسىملىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر، يېزا ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنىڭ باراۋەرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش ۋە يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىدىكى ئاجىزلىقلارنى تۈگىتىپ، سۇچىلىق، قاتناش، ئېلېكتىر تورى، ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىنلەش كېرەك. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى ئاجىزلىقلارنى تۈگىتىپ، «ئىككىدە ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش»تا چىڭ تۇرۇش، ئاساسىي فۇنكسىيىلىك رايون پىلانىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سۇ تېجەش، سۇ ساقلاش، سۇ تەڭشەش خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، ئەڭ قاتتىق سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يۈرگۈزۈش، ئېكولوگىيەنى تۈزەيدىغان ۋە ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان مۇھىم قۇرۇلۇشلارنى يولغا قويۇپ، تېرىلغۇ يەرلەرنى قوغداش ۋە يەردىن تېجەشلىك پايدىلىنىش تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغدايدىغان ئەڭ قاتتىق تۈزۈمنى يولغا قويۇپ، ئاتموسفېرا، سۇ، تۇپراق بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەشنى گەۋدىلىك چىڭ تۇتۇپ، ئېنېرگىيە سەرپىياتى، سۇ بايلىقى سەرپىياتى ۋە قۇرۇلۇش يېرىنى ئىشلىتىشتە «قوش تىزگىنلەش» تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، تىرىشىپ پاكىز شىنجاڭ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى ئاجىزلىقلارنى تۈگىتىپ، شەھەر، يېزا ئاھالىسىنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، ئۆي، سۇ، يول، توك، گاز قاتارلىق گەۋدىلىك خەلق تۇرمۇشى مەسىلىلىرىنى ياخشى ھەل قىلىش، 15 يىللىق مائارىپنى ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇملاشتۇرۇش، داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى كۈچەيتىش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئومۇمىي خەلق سۇغۇرتىغا قاتنىشىش پىلانىنى يولغا قويۇش، ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىش، كۆپ قاتلاملىق كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى سىستېمىسى قۇرۇش كېرەك. ئىختىساسلىقلارنى تولۇقلاپ، ھازىرقى ئىختىساسلىقلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، جىددىي ئېھتىياجلىق ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈپ، ياش ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ، تۆھپىسى بار ئىختىساسلىقلارنى تۇتۇپ قېلىپ، ئىختىساسلىقلار كەينى - كەينىدىن يېتىشىپ چىقىدىغان ياخشى ۋەزىيەت شەكىللەندۈرۈش كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىدىكى ئاجىزلىقلارنى تۈگىتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، كەسىپ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، ئاساسىي قاتلامدا ئالدىن يولغا قويۇش، ئېچىۋېتىش، يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، مائارىپ، ساقلىقنى ساقلاش قاتارلىق ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىنى يۈكسەلدۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭ بىلەن شىمالىي شىنجاڭنىڭ پەرقىنى كۆرۈنەرلىك كىچىكلىتىش كېرەك.ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: بالدۇر تۇتۇش قىلىپ، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، خەۋپ - خەتەردىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئېڭى بىلەن ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك. نۇقتىلىق ھالدا ئىجتىمائىي مۇقىملىقتىكى خەۋپ - خەتەر، ئىدىئولوگىيە ساھەسىدىكى خەۋپ - خەتەر، ئىقتىساد خەۋپ - خەتىرى، تەبىئىي ئاپەت، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت، جەمئىيەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش كېرەك. يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر ۋە ئامىللارغا تەكشۈرۈپ ھۆكۈم قىلىشنى كۈچەيتىپ، كۆڭۈلدە سان بولۇش، كېسەلگە قاراپ دورا بېرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ۋاقتىدا كۈچلۈك تېگىش قىلىپ، خەۋپ - خەتەرنى مەنبەدىن تۈگىتىشنى تىرىشىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك.

  ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئىسلاھاتنى تۇتۇپ، ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش كېرەك. ئىسلاھات شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، ئېچىۋېتىش شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ ئەڭ چوڭ يوشۇرۇن كۈچ مەنبەسى. ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان تۈزۈلمە، مېخانىزم ۋە تەرەققىيات ئۇسۇلىنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈپ، مەمۇرىي باشقۇرۇش ۋە مالىيە - باج تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى تۈرگە ئايرىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئارىلاشما مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكىنى تېز راۋاجلاندۇرۇپ، قېزىلمىلاردىن ھەقلىق پايدىلىنىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يەر باشقۇرۇش ھوقۇقىنىڭ تەرتىپلىك ئوبوروت قىلىنىشىنى قانۇن بويىچە ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشنىڭ شىنجاڭغا نىسبەتەن تارىخىي ئەھمىيىتى ۋە چوڭقۇر تەسىرىنى ئەتراپلىق تونۇپ، يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشى ئارقىلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرگە بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىپ، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق ئوچۇق ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇپ، «بەشنى راۋانلاشتۇرۇش»نى ئاساسلىق مەزمۇن قىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى مۇھىم قاتناش تۈگۈنى، سودا ئەشيا ئوبوروت مەركىزى، مەدەنىيەت، پەن - مائارىپ مەركىزى، رايون خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە مەركىزى، داۋالاش - مۇلازىمەت مەركىزىدىن ئىبارەت «بەش چوڭ مەركەز» قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، قەشقەر، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى ۋە ئۇنۋېرسال باجدىن خالىي رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، «چىقىرىش»نى قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، چېگرا سىرتىدىكى كەسىپلەر توپلاشقان رايون قۇرۇلۇشىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

   ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھەر دەرىجىلىك پارتكومنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە ماسلىشىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا رەھبەرلىك قىلىش ئىدىيەسى، تۈزۈلمىسى، ئۇسۇل - چارىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، يۆنىلىشنى ئىگىلەش، ئومۇمىي ۋەزىيەتنى پىلانلاش، ئىستراتىگىيەلىك تەدبىر بەلگىلەش، سىياسەت تۈزۈش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. مۇقىملىقنى ساقلاش ئىقتىدارى ۋە جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشنى دائىملاشتۇرۇش ۋە قانۇن - تۈزۈملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى كېرەك، مىللەت، دىنغا چېتىشلىق ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى قانۇن بويىچە مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا رەھبەرلىك قىلىش خىزمىتىنى تۈزۈملەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى كېرەك. يېڭى نورمال ھالەتكە ماسلىشىش، ئۇنى ئىگىلەش ۋە ئۇنىڭغا باشلامچىلىق قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئىلگىرى ئادەتلەنگەن تەپەككۇر ئۇسۇلىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزگەرتىپ، ئىقتىسادچىل تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، كەسپىي تەپەككۇر، كەسپىي ساپا، كەسپىي ئۇسۇلنى كۈچەيتىشى كېرەك. بازار ئىگىلىكى ۋە قانۇن ئىدارە قىلىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، بازار ئىگىلىكى قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىپ، ئىقتىسادىي خىزمەتنى جانلىق ئىشلىشى كېرەك. چۈشىنىش، ئىجرا قىلىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى چۆرىدەپ، تەرەققىياتنى تۇتۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشى كېرەك. مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتنى بىر تۇتاش پىلانلاش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھۈنەرۋەن روھىنى تەشەببۇس قىلىپ، ھەر بىر خىزمەتنى يۇقىرى ئۆلچەم، قاتتىق تەلەپ بويىچە ياخشى ئىشلىشى كېرەك. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مۇھىم ئىستراتېگىيە، شۇڭا كۈچەيتىش كېرەككى ھەرگىز بوشاشتۇرۇشقا بولمايدۇ.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار پارتىيەنى پارتىيە باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «سىياسىيدا قەتئىي، ئىستىلى دۇرۇس، ئىقتىدارى كۈچلۈك ۋە زېھنى - قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرۇش» تەلىپىنى ئاڭلىق ھالدا ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، تىرىشىپ شىنجاڭچە ياخشى كادىرلارنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇشى كېرەك. سىياسىي تەلەپنى قاتتىق قويۇپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى چىڭىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇش ئۆلچىمى ۋە پارتىيەنىڭ تۈرلۈك بەلگىلىمىلىرى بويىچە ئىش قىلىش كېرەك. تەربىيەلەش، باشقۇرۇشتا قاتتىق بولۇپ، ئىنتىزامنى قانۇننىڭ ئالدىغا قويۇپ، يۆنىلىشنى توغرىلاپ، ئىدىيەنى نەزەرىيە بىلەن قوراللاندۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇش ۋە تەشكىلىي ئىنتىزامنى چىڭىتىش كېرەك. ئىستىل قۇرۇلۇشىدا قاتتىق بولۇپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىپ، ئىنتىزامنى قاتتىق ئىجرا قىلىش سىگنالىنى ياڭرىتىپ، كۈچلۈك ھەيۋە شەكىللەندۈرۈش كېرەك. پاكلىق قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ماھىيەتتىن تۈزەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سۇبيېكىتلىق مەسئۇلىيەت ۋە نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چىرىكىلىشىشكە جۈرئەت قىلالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكىلىشىشنى ئويلىمايدىغان ئۈنۈملۈك مېخانىزم بەرپا قىلىپ، كادىرلار دۇرۇس، ھۆكۈمەت پاك، سىياسەت ئېنىق بولۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك.

  ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: بىڭتۈەن ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، دۆلەتنىڭ مەنپەئەتى بىڭتۈەننىڭ مەنپەئەتى، شىنجاڭ ۋەزىيىتى بىڭتۈەننىڭ ۋەزىيىتى دېگەن ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش، شەھەر - بازارلاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىپ، بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ بىرىكمە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىڭتۈەننى چېگرانى مۇستەھكەملەپ، شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى مۇقىملاشتۇرغۇچ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئۇيۇشتۇرىدىغان پېچ، ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ۋە ئىلغار مەدەنىيەتتىكى ئۈلگە رايون قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

  ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق چاقىرىق قىلىندى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيەلىك كادىرلار يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، مەۋقەنى يېڭى پەللىگە قويۇپ، يېڭى نورمال ھالەتكە ماسلىشىپ، يېڭى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، 13 - بەش يىللىق ئۇلۇغۋار پىلاننى كۈچلۈك بۇرۇچ تۇيغۇسى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىدا تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتايلى!


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر