باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېڭى قۇرۇلىدىغان مېترو بېكەتلىرىدە بالا ئىمىتىش ئۆيى تەسىس قىلىنىشى مۇمكىن

2015.12.04 14:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۆنۈگۈن بېيجىڭ شەھەر پىلانلاش كومىتېتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، يېڭى ئۆزگەرتىپ تۈزۈلگەن «شەھەر رېلىسلىق قاتنىشىدا توسالغۇسىز ئەسلىگە لايىھەلەش پىلانى»دىن بۈگۈندىن باشلاپ پىكىر ئېلىنىدىكەن. «پىلان»دا، بۇندىن كېيىن بېيجىڭدا يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان مېترو لېنىيەسىدىكى يولۇچىلار ئېقىمى كۆپرەك بولغان مېترو بېكەتلىرىدە بالا ئىمىتىدىغان ئانا-بالىلار ئۆيى تەسىس قىلىنىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  شەھەر پىلان كومىتېتىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بالا ئىمىتىش ئۆيىنى ئىشلىتىدىغانلار ئېلىۋالىدىغان نەرسىلەرنىڭ ئادەتتە بىر قەدەر كۆپ بولۇشى، ئىمىتىش ئۆيىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىش ۋە ئىشلىتىش جەريانىدا ياردەم لازىم بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللار نەزەردە تۇتۇلۇپ، يېڭى «پىلان»دا ئىمىتىش ئۆيىنىڭ ئىشىكىنىڭ ئاپتوماتىك ئېچىلىپ-يېپىلىدىغان بولۇشى، ئىشىك سىرتىدا ئېچىپ-يېپىش ئۇچۇرىنى كۆرسىتىش ئەسلىھەسى بولۇشى تەلەپ قىلىندى.

  بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىمىتىش ئىقتىدارى ئەسلىھەلىرى يەنە بوۋاقلار زاكا سۇپىسى، بالا ئىمىتىش-ئارام ئېلىشقا قولاي ئورۇندۇق قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن؛ ئىمىتىش ئۆيىنىڭ ئىشىكى سىرتىدا يەنە سىنلىق نازارەت قىلىش قاتارلىق ئەسلىھەلەر بولىدىكەن، ھەمدە بېكەت كونترول ئۆيى بىلەن ئۇلىنىپ، بېكەت خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ ماسلىشىشى ۋە ئىنكاس قايتۇرۇشىغا قولايلىق يارىتىلىدىكەن.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر