باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئابلەت ئابدۇللا: ساخاۋەت ئىشلىرىنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرىمەن

2015.12.04 11:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىت مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد خەۋىرى) «مېنىڭ ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئاتلانغان قەدىمىم ھەرگىز توختاپ قالمايدۇ، ۋەتىنىمدىكى، يۇرتۇمدىكى ھەرمىللەتتىن بولغان قېرىنداشلىرىم مېنىڭ بۈگۈنكى بۇ نەتىجىلىرىمنىڭ ئاكتىپ قوللىغۇچىسى، قۇدرەتلىك يۆلەنچۈكلىرىم، كارخانىنى ياخشى باشقۇرۇپ، گۈللەندۈرۈپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق مائارىپنى كۈچلەندۈرۈش، زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىپ جەمئىيەتتە ئاكتىپ ئېنىرگىيە كۈچىنى نامايەن قىلىش مېنىڭ ۋەزىپەم، ساخاۋەت ئىشلىرىنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرىمەن» دېدى شىنجاڭ «ئىنتىل» مەكتىبىنىڭ قۇرغۇچىسى، شىنجاڭ «ئىنتىل» مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شېركىتىنىڭ باش لېدىرى ئابلەت ئابدۇللا 3 – دېكابىر چۈشتە «ئىنتىل» شېركىتىنىڭ يېقىندا مەملىكەت بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن 4 – نۆۋەتلىك داڭلىق ماركىلارنى باھالاش يىللىق يىغىنىدا «جۇڭگودىكى داڭلىق مىللىي خەيرى ساخاۋەت ئاممىۋى پاراۋانلىق مەكتىبى» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدە.

  ئىگىلىشىمچە، ﺋﺎﺑﻠﻪﺕ ئابدۇللا ئۆزىنىڭ ئالتە يىلدىن بۇيانقى جاپالىق ئەجرى ۋە قىلغان خەيرى – ساخاۋەت ئىشلىرى ئۈچۈن ئاجراتقان 4 مىليون يۈەنگە يېقىن خەيرى ساخاۋىتى ئۈچۈن 27 – نويابىر ﺑﯧﻴﺠﯩﯔ شەھەرلىك ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﻛﯧﯖﻪﺵ ﻳﯩﻐﯩﻦ ﺯﺍﻟﯩﺪﺍ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺧﻪﻳﺮ-ﺳﺎﺧﺎﯞﻩﺕ ﻛﻮﻣﯩﺘﯩﺘﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﻩ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻼﻧغان ﻫﻪﻣﺪﻩ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺧﻪﻳﺮ-ﺳﺎﺧﺎﯞﻩﺕ ﺑﺎﺵ ﻛﻮﻣﯩﺘﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻫﻪﻳﺌﻪﺗﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩنغان . 28 – نويابىر مەركىزىي تېلىۋېزىيە ئىستانسىسى، جۇڭگو خەلقئارا مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شېركىتى، «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» قاتارلىق ئورۇنلار تارقاتقان 4 – نۆۋەتلىك جۇڭگو داڭلىق ماركىلار يىللىق يىغىنىدا «جۇڭگودىكى داڭلىق مىللىي خەيرى ساخاۋەت ئاممىۋى پاراۋانلىق مەكتىبى» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. بۇ شىنجاڭدىن تۇنجى كارخانىنىڭ بۇ مۇكاپاتقا نائىل بولۇشى ئىكەن.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر