باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

2026-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدا كوماندىلار سانى40قا يېتىشى مۇمكىن

2015.12.04 14:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى 2026-يىلدىن باشلاپ، دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان كوماندىلار سانىنى ئەسلىدىكى 32دىن كۆپەيتىپ 40قا يەتكۈزۈشنى ئويلاشقان، ھەمدە كەلگۈسىدىكى يىغىنلاردا بۇنى مۇھاكىمە قىلىدىكەن. خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئاسىيا ۋە ئافرىقا ۋەكىللىرى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى كوماندىلار سانىنى كۆپەيتىش لايىھەسىگە قارىتا كۈچلۈك قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

  دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە كوماندىلارنىڭ كۆپىيىش لايىھەسى ھەققىدە، 3-دېكابىر ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنىدا ھىچقانداق رەسمىي كېلىشىم ھاسىل قىلىنمىدى. بىراق ئىجرائىيە كومىتېتى ئەزاسى نېرس باخ خەلقئارا پۇتبولچىلار كومىتېتىنىڭ بۇندىن كېيىن بۇ ئىشنى مۇھاكىمە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  نېرس باخ بىر يازما باياناتتا: « 2026-يىلدىن باشلاپ دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان كوماندىلار سانىنى 40قا يەتكۈزۈش ھازىرچە تېخى قارار قىلىنمىدى» دېدى.

  «ئىجرائىيە كومىتېتىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئافرىقا ۋەكىللىرى بۇ لايىھەنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى كەلگۈسىدىكى يىغىنلاردا بۇ ئىشنى مۇھاكىمە قىلىدۇ» دېدى نېرس باخ تولۇقلىما قىلىپ.

  1982-يىلىدىكى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان كوماندىلار ئەسلىدىكى 16دىن 24كە كۆپەيتىلدى. 1998-يىلى فرانسىيە دۇنيا لوڭقىسىدا مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان كوماندىلار 32گە كۆپەيتىلدى.

  2018-يىللىق ۋە 2022-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنى ئىلتىماس قىلىش جەريانى چىرىكلىشىشكە چېتىشلىق بولغانلىقتىن، خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسى بۇ يىل 6-ئايدا 2026-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنى ئىلتىماس قىلىش خىزمىتىنىڭ كېچىكتۈرۈلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر