باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ش ئا ئە ت ئاران بىرلا تانكىسى بار قاراتاغ دۆلىتىگە ئىشىك ئاچتى

2015.12.04 14:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۆرەتتە: كۆك رەڭلىكى ش ئا ئە ت دۆلەتلىرى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىمائىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى 2-دېكابىر بالقان يېرىم ئارىلىدىكى كىچىك دۆلەت قاراتاغنى تەشكىلاتقا ئەزا بولۇپ، دۇنيادىكى بۇ ئەڭ چوڭ ھەربىي ئىتتىپاقنىڭ 29-ئەزا دۆلىتى بولۇشقا رەسمىي تەكلىپ قىلدى. گەرچە ئەزا بولۇش تەرتىپىنى تاماملاشقا نەچچە ئاي كەتسىمۇ، ئىلگىرى ش ئا ئە ت بومباردىمان قىلغان بۇ كىچىك دۆلەتنىڭ بىر پۇتى بۇ ھەربىي تەشكىلاتنىڭ ئىشىكىگە كىرىپ بولدى، دېيىشكە بولىدۇ.

  قاراتاغنىڭ كىچىك تىپتىكى بىر ئارمىيەسى بولۇپ، ئەسكىرى ئىككى مىڭگىمۇ يەتمەيدۇ، ئاران بىرلا تانكىسى بار، ھەربىي ئىشلاردا ش ئا ئە ت «كوللېكتىپ مۇداپىئەلىنىشى» ئۈچۈن ھىچقانداق تۆھپە قوشالمايدۇ. ش ئا ئە ت قاراتاغنى ئەزالىققا قوبۇل قىلىشتا ئېنىقكى ئىستراتېگىيەلىك تەرەپتىن ئويلاشقان، يەنى روسىيەنىڭ بالقان يېرىم ئارىلىدىكى تەسىر كۈچىنى يەنىمۇ ئاجىزلاشتۇرۇپ، روسىيەنىڭ جەنۇبىي ياۋروپادىكى «ئىللىق دېڭىز» تەۋەلىكىگە كىرىشىنى توسۇشنى مەقسەت قىلغان.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر