باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

گۈزەل سەنئەت، مۇزىكا كەسىپلىرىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىنىڭ ۋاقتى بېكىتىلدى

2015.12.04 15:08         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسىدىن ئۇقۇشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2016 – يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ گۈزەل سەنئەت، مۇزىكا كەسىپلىرىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بىر تۇتاش ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش 10 – دېكابىردىن ئىلگىرى ئاخىرلىشىدىكەن. 20 – دېكابىر گۈزەل سەنئەت كەسپىدىن، كېلەر يىلى 15 – يانۋاردىن 19 – يانۋارغىچە مۇزىكا كەسپىدىن ئىمتىھان ئېلىنىدىكەن.

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئىگە ئوقۇغۇچىلار گۈزەل سەنئەت، مۇزىكا كەسىپلىرىگە ئىمتىھان بەرمەكچى بولسا، ئوقۇۋاتقان مەكتەپنىڭ تونۇشتۇرۇش خېتى بىلەن 2 – ئەۋلاد كىملىكىنى ئېلىپ، ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىغا تىزىمغا ئالدۇرسا بولىدىكەن. شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، كۈيتۈن شەھەرلىك 8 – ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە قەشقەر شەھەرلىك 13 – باشلانغۇچ مەكتەپتە ئىمتىھان نۇقتىسى تەسىس قىلىنىدىكەن. گۈزەل سەنئەت تۈرى بويىچە بىر تۇتاش ئىمتىھانغا قاتنىشىدىغانلار بۇ يىل 18 – ، 19 – دېكابىر كۈنلىرى ئىمتىھان مەيدانىغا بېرىپ سالاھىيىتىنى بېكىتىدىكەن، 20 – دېكابىر ئىمتىھانغا قاتنىشىدىكەن؛ مۇزىكا كەسپى بويىچە بىر تۇتاش ئىمتىھانغا قاتنىشىدىغانلار كېلەر يىلى 12 – ، 13 – يانۋار كۈنلىرى ئىمتىھان مەيدانىغا بېرىپ سالاھىيىتىنى بېكىتىدىكەن، 15 – يانۋاردىن 19 – يانۋارغىچە بىر تۇتاش ئىمتىھانغا قاتنىشىدىكەن. ‹‹مۇقام ئېيتىش››، ‹‹مۇقام ۋە مەشرەپ تەتقىقاتى›› قاتارلىق ئىككى كەسىپكە تىزىملاتقانلار مۇزىكا كەسپى بويىچە ئېلىنىدىغان بىر تۇتاش ئىمتىھانغا قاتناشماي، بىۋاسىتە مەكتەپلەرنىڭ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىكەن. موڭغۇل تىلى ۋە قىرغىز تىلىدا مۇزىكا كەسىپلىرىگە ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار يېزىقچە ئىمتىھانغا قاتناشماي، بىۋاسىتە يۈزتۇرا ئىمتىھانغا قاتنىشىدىكەن. باشقا سەنئەت كەسىپلىرىگە تىزىملاتقانلار بىر تۇتاش ئىمتىھانغا قاتناشماي، مەكتەپلەرنىڭ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىكەن.

  ئالاقىدار تەپسىلىي ئۇچۇرلارنى شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى (www.xjzs.cn.gov)دىن كۆرۇۋالسىڭىز بولىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر