خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئاۋات ناھىيە بەشئېرىق بازىرىدىن جاڭ شىبىڭ خەۋىرى) 12-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئاۋات ناھىيەسى بەشئېرىق بازىرىدا «12.4» قانۇن-تۈزۈم تەشۋىقات كۈنى يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىنى باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. ئارقىدىن، «قانۇننى كەنتلەرگە يەتكۈزۈش» چوڭ تەشۋىقات پائالىيىتى بەشئېرىق بازىرى بويىچە 27 مەمۇرىي كەنتتە سەييارە قانات يايدۇرۇلدى.
بەشئېرىق بازىرى «12.4» قانۇن-تۈزۈم تەشۋىقات كۈنىنى چىڭ تۇتۇپ، قانۇن-تۈزۈم تەشۋىقاتىنى بۇ يىل قىش كېلەر يىلى ئەتىيازلىق ئاساسىي قاتلام تەشكىلات قۇرۇلۇشى، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش قۇرۇلۇشى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، بالدۇر پىلانلاپ، بالدۇر ئورۇنلاشتۇرۇپ، بالدۇر قول سېلىپ، ۋىلايەتلىك ئەدىلىيە ئىدارىسىدىن چۈشكەن كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئورۇن ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارىي قىلدۇرۇپ، ۋىلايەتلىك ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىدىن 15 نەپەر كەسپىي ئادۋوكاتنى مەخسۇس تەكلىپ قىلىپ، يۈرۈشلۈك قانۇن-تۈزۈم تەشۋىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. ھازىرغىچە، 15 مەيدان «قانۇن-تۈزۈمنى كەنتلەرگە يەتكۈزۈش»، «قانۇن-تۈزۈمنى ئورگانلارغا يەتكۈزۈش»، «قانۇن-تۈزۈمنى يەككە سودا-سانائەتچىلەرگە يەتكۈزۈش» قاتارلىق تەشۋىقات پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلدى، ئورگان كادىرلىرى، يەككە سودا-سانائەتچىلەر، كەنت ئاھالىلىرىدىن بولۇپ بەش مىڭغا يېقىن كىشى تەربىيەلەندى.
مەنبە: خەلق تورى