باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سودا مىنىستىرلىقى تۇرمۇش مۇلازىمەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تەدبىرى چىقاردى

2015.12.04 15:23         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى شېن دەنياڭ 2-دېكابىر ئېچىلغان قەرەللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: سودا مىنىستىرلىقى يېمەك-ئىچمەك، ياتاق، ئائىلە ئىشلىرى، يۇيۇش-بوياش، يۇيۇنۇش، ھۆسىن تۈزەش، ساتىراشلىق، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى رېمونت قىلىش، سۈرەت تارتىش قاتارلىق سەككىز ئاھالىلەر تۇرمۇش مۇلازىمەت كەسپىدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە تىپىنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېخىمۇ تېزلىتىپ، تۈجۈپىلەشتۈرۈشنى يېتەكچى قىلغان ھالدا تەشكىللەش دەرىجىسىنى، ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى ۋاسىتە قىلغان ھالدا يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنى، ئۆلچەملەشتۈرۈشنى يېتەكچى قىلغان ھالدا مۇلازىمەت سۈپىتىنى، ئاممىۋىيلاشتۇرۇشنى نىشان قىلغان ھالدا تەمىنات ئىقتىدارىنى، خەلقئارالاشتۇرۇشنى يېتەكچى قىلغان ھالدا تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، مۇلازىمەت ئىستېمالىنى كېڭەيتىپ، خەلق تۇرمۇشىغا تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىدۇ ۋە ياخشىلايدۇ. ئاھالىلەر تۇرمۇش مۇلازىمىتى-ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇش ۋە تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئويناپ، ھەم پۇقرالار ۋە بازارنىڭ ئېھتىياجىنى بىر قەدەر ياخشى قاندۇرىدۇ ھەم ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا مۇھىم تۆھپە قوشىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر