باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز ئىستانسىسى قاتناش باشلىنىش تەتۈر ساناق باسقۇچىغا قەدەم قويدى

ئۈرۈمچى يېڭى يولۇچىلار ۋوگزالى بىرلەشمە تەڭشەش ۋە سىناشنى باشلىدى

2015.12.03 13:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۆمۈريول ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، شىمالى ۋوگزال بىرلەشمە تەڭشەش ۋە سىناش باسقۇچىغا كىرگەن بۇلۇپ، ۋوگزال ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئومۇمىي ئىقتىدارىغا قارىتا ئىشلىتىلىشتىن ئىلگىرىكى دىنامىكىلىق ئۇنۋىرسال ئۆلچەش ئېلىپ بېرىپ، ھەر قايسى سىستېما ۋە ئومۇمىي سىستېمىسىنىڭ فۇنكسىيىسى لايىھە تەلىپىگە يەتكەندىن كېيىن، قاتناش باشلاش ئۈچۈن ئىلمىي ئاساس يارىتىپ بېرىدۇ.

  ئۈرۈمچى يېڭى ۋوگزالىنىڭ جەنۇبىي ۋوگزالى تۇرالغۇ ئۆينىڭ قۇرلۇشى نۆۋەتتە يەنىلا جىددىي داۋاملاشماقتا، مۆلچەرلىنىشىچە، كىلەر يىلى قاتناش باشلىنىدىكەن.

  ئۈرۈمچى يېڭى يولۇچىلار ۋوگزالى ئەسلىدىكى ئەرگۇڭ پويىز ئىستانسىسىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 750 كۋادرات مېتىر، قۇرۇلۇش كۆلىمى 110 مىڭ كۋادرات مېتىر، قۇرلۇش پۈتكەندىن كىيىن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ۋوگزال بۇلۇپ قالىدۇ. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر