باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كېلەر يىلى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تەنتەربىيە كەسىپلىرىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بۆلەكلەر بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ

2015.11.19 13:42         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسىدىن ئۇقۇشىچە، 2016 – يىلىدىن باشلاپ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تەنتەربىيە كەسىپلىرىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سىناق ئىمتىھانى بۆلەكلەر بويىچە ئېلىپ بېرىلىدىكەن. يەنى تەنتەربىيە كەسىپلىرىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سىناق ئىمتىھان مەيدانى ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن قەشقەر شەھىرىدە تەسىس قىلىنىدىكەن، سىناق ئىمتىھان 27 – ئاپرېلدىن 30 – ئاپرېلغىچە ئۈرۈمچى شەھىرىدە، 5 – مايدىن 8 – مايغىچە قەشقەر شەھىرىدە ئېلىنىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، سىناق ئىمتىھان تەن ساپاسى ۋە تېخنىكا سىناق ئىمتىھانىغا بۆلۈنىدىكەن، ئومۇمىي نومۇر 100 بولىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە تەن ساپاسى سىناق ئىمتىھانى 80 نومۇرنى، تېخنىكا سىناق ئىمتىھانى 20 نومۇرنى ئىگىلەيدىكەن. تېخنىكا سىناق ئىمتىھانىنىڭ چامباشچىلىق، گىمناستىكا تۈرىدىكى سىناق ئىمتىھانىغا تىزىملىتىدىغانلار شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئىمتىھان نۇقتىسىدا تىزىمغا ئالدۇرۇشى ۋە سىناق ئىمتىھانىغا قاتنىشىشى كېرەك ئىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر