باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

نوپۇس بېجىرىشتە «قارا نوپۇس»لارغا يول ئېچىلىشى مۇمكىن

نۇرغۇن جايلار پىلاندىن ئارتۇق تۇغۇلغانلارنى نوپۇسقا ئېلىش بىلەن پىلانلىق تۇغۇتنى ئايرىدى

2015.12.03 15:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-قېتىملىق مەملىكەتلىك نوپۇس تەكشۈرۈشتىكى سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، مەملىكەت بويىچە 13مىليوندىن كۆپرەك كىشىنىڭ نوپۇسى يوق بولۇپ، بۇنداق كىشىلەرنى جەمئىيەتتە ئادەتتە «قارا نوپۇس» دەپ ئاتايدىكەن.

  دۆلەت تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى ماكرو ئىقتىساد تەتقىقات ئورنىنىڭ كاندىدات تەتقىقاتچىسى ۋەن خەييۈەن ئۆتكەن يىلى ئىشلىگەن «قارا نوپۇس» توپىنىڭ ياشاش ئەھۋالى تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، سىياسەتكە توغرا كەلمەيدىغان ئارتۇق تۇغۇش، توي قىلماي تۇغۇش، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نوپۇسقا ئالدۇرماسلىق ۋە ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىنكى يۆتكەش كېنىشكىسىنىڭ يوقىلىپ كېتىشى قاتارلىقلار قارا نوپۇس مەسىلىسىنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرى ئىكەن.

  نوپۇسى بولمىغانلىق سەۋەبلىك، نۇرغۇن قارا نوپۇسلار نورمال مائارىپ تەربىيەسىگە ئېرىشەلمەيدۇ، خىزمەت پۇرسىتىدىن مەھرۇم بولىدۇ، بولۇشقا تىگىشلىك ئىجتىمائىي كاپالەتتىن بەھرىمەن بولالمايدۇ. ھەقىقىي نام تۈزۈمىنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، پويىز، ئايروپىلانلاردا ئولتۇرالمايدۇ، مۇنتىزىم دوختۇرخانىلارغا بېرىپ كېسەل كۆرسىتەلمەيدۇ، ھەتتا سىرتتا تۇرىدىغان جاي تېپىشمۇ مەسىلە بولۇپ قالماقتا.

  يېقىندا، ج خ مىنىسىتىرلىكى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 17-قېتىملىق (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنى ئاچتى. يىغىندا نوپۇسى يوق كىشىلەرنى نوپۇسقا ئېلىش خىزمىتى تەتقىق قىلىش كۈنتەرتىپنىڭ بىرى بولۇپ، يىغىندا نوپۇسى يوق كىشىلەرنىڭ نوپۇسىنى تىزىملاش مەسىلىسىنى تىرىشىپ ھەل قىلىپ، ھەربىر پۇقرانىڭ دائىملىق ئولتۇراقلىشىش نوپۇسىنى قانۇن بويىچە تىزىملىتىشتەك قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ھەقىقىي قوغداش لازىملىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  گەرچە كونكېرت لايىھە تېخى ئېلان قىلىنمىغان بولسىمۇ، بىراق چوڭ بىر يولنىڭ ئېچىلىش سېگنالىنى بەردى، ھازىر مەملىكەت بويىچە نۇرغۇن جايلار پىلاندىن ئارتۇق تۇغۇشقا بولغان نوپۇسقا ئېلىشنى قويۇۋەتتى، ھەمدە پىلانلىق تۇغۇت بويىچە جەرىمانە قويۇش بىلەن ئايرىۋەتتى. بىر پارچە نوپۇس قەغىزىمۇ «ئۆز ماھىيىتىگە قايتماقتا».

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر