باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مائارىپ

مائارىپ مىنىستىرلىقى يېڭى بەلگىلىمە چىقىرىپ تۆت خىل ئەھۋالدا ئىستۇدېنتلارنىڭ مەكتەپ يۆتكىلىشىگە بولمايدىغانلىقىنى بېكىتتى

2015.11.19 16:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا ھۆكۈمەت تور بېكىتىدە «ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى»نى تۈزىتىش ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى ۋە جايلاردىكى مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ۋە قول ئاستىدىكى ئالىي مەكتەپلەردىن پىكىر ئالدى.

  ئىگىلىك تىكلەشكە قاتناشسا ئوقۇش نومۇرىغا سۇندۇرۇپ ھېسابلىنىدۇ

  يېڭى بەلگىلىمە ئىستۇدېنتلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىشى، ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە قاتنىشىشى قاتارلىقلارغا مەدەت بەردى. يېڭىدىن مۇنداق بەلگىلىمىلەر قوشۇلدى: «ئوقۇغۇچىلار ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت، پىدائىيلار مۇلازىمىتى، تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ ئوقۇش ياردىمىگە ئىگە بولۇش، يېڭىلىق يارىتىش تەجرىبىسى قاتارلىق پائالىيەتلەرگە قاتناشسا ۋە ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىسە، ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلسا، پاتېنتقا ئېرىشسە ئوقۇش نومۇرىغا سۇندۇرۇپ ھېسابلاپ، ئۆگىنىش نەتىجىسىگە قوشۇپ ھېسابلىنىدۇ، كونكرېت چارىنى مەكتەپ بېكىتىدۇ. مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنى ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت، پىدائىيلار مۇلازىمىتى ۋە تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ ئوقۇش ياردىمىگە ئىگە بولۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، قوللاپ ۋە يېتەكلەپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ئارخىپى تۇرغۇزۇشى، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ئوقۇش نومۇرى بېكىتىشى كېرەك.»

  «يېڭىلىق يارىتىپ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، ئوقۇشتىن ۋاقتىنچە توختاپ ئىگىلىك تىكلەش ياكى ھەربىيلىكتىن چېكىنىپ قايتا ئوقۇشقا كىرگەن ئوقۇغۇچىلار ئۆزى ئىلتىماس قىلغان مەكتەپنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئالاقىدار كەسىپكە كىرىپ ئۆگىنىشى كېرەك.»

  نەتىجىسى يۆتكەلمەكچى بولغان مەكتەپنىڭ ئالاقىدار كەسىپكە قوبۇل قىلىش نومۇر سىزىقىدىن تۆۋەن بولسا مەكتەپ يۆتكىلىشكە بولمايدۇ.

  يېڭى بەلگىلىمىدە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپ يۆتكىلىشىگە قارىتا تېخىمۇ ئېنىق بەلگىلىمە بېكىتتى. يېڭىدىن مۇنداق بەلگىلىمە قوشۇلدى: «ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىنىڭ نەتىجىسى يۆتكەلمەكچى بولغان مەكتەپ ئالاقىدار كەسپىنىڭ مۇناسىپ يىلدا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نەتىجىسىدىن تۆۋەن بولغانلىرى»، «يۆنىلىشلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان، سەنئەت، تەنتەربىيە، يۇقىرى سەۋىيەلىك سەنئەت ئۆمىكى، يۇقىرى سەۋىيەلىك تەنتەربىيە ئەترىتى قاتارلىق ئالاھىدە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇسۇلىدا قوبۇل قىلىنغانلار»، «ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش ئېلىنىدىغان ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمىگەنلەر ياكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى يوق مەكتەپكە كىرگەنلەر(كاپالەت بىلەن ئەۋەتىلگەن ئوقۇغۇچىلار، ئۆز ئالدىغا قوبۇل قىلغان ئوقۇغۇچىلار، سىياسىي قانۇن ساقچىلىرى، 2-باكلاۋۇرلىق ئۇنۋانى ئالغانلار، تېخنىكومدىن تولۇق كۇرسقا ئۆرلەپ ئوقۇغانلار، بەش يىللىق تۈزۈمدىكى ئالىي تېخنىكوم قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)»، «پەن ئاتلاپ ئوقۇغانلار» قاتارلىقلارنىڭ مەكتەپ يۆتكىلىشىگە بولمايدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر