باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

خەلقئارا جەمئىيەت تېررورلۇققا قارشى بىرلىكسەپ تەشكىللەشنى مۇراجىئەت قىلدى

2015.11.23 13:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى 20- نويابىر قارار ماقۇللاپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەسەبىي تەشكىلات بولغان ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ۋە باشقا تېررورچى تەشكىلاتلارغا زەربە بېرىش كۈچىنى زورايتىشنى مۇراجىئەت قىلدى. جۇڭگو، ئەنگلىيە ، رۇسىيە ، ئامېرىكا، بېلگىيە ۋە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، بىرلىكسەپ تەشكىللەش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

  جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى لىيۇ جىيى قارار ماقۇللانغاندىن كىيىن سۆز قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قول تۇتۇشۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش جەھەتتىكى ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بىرلىكسىپىنى تەشكىللىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

  ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى كامېرون بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ بىر مۇھىم پەيت، دۇنيا ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىغا بىرلىكتە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىشى كېرەك .

  رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 20- نويابىر ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف شۇ كۈنى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى بىلەن تېلېفونلىشىپ، ئەسەبىي تەشكىلات بولغان ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ۋە باشقا تېررورچى تەشكىلاتلارغا بىرلىكتە زەربە بېرىش ھەمدە سۇرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئۆكتىچىلەرنىڭ سۆزلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى.

  شۇ كۈنى، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئالاھىدە يىغىن ئۆتكۈزۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى كۈچەيتىشنىڭ يېڭى تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  باشقا خەۋەرلەرگە قارىغاندا، فىرانسىيە پارىژ تەپتىش ئەمەلدارى مورىن 20- نويابىر ئاخبارات ئېلان قىلىپ، بارماق ئىزىغا ئاساسەن، 13- نويابىر كەچتە فىرانسىيە تەنتەربىيە سارىيىدا يۈز بەرگەن ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىپ ھۇجۇم قىلىشتا ئۆلگەن ئۇچ ئەر ئىچىدىكى ئىككى كىشىنىڭ بۇ يىل 10- ئاينىڭ 3- كۈنى مۇساپىر سالاھىيىتى بىلەن گېرتسىيەگە كىرگەنلىكىنى بېكىتتى، بۇ تەكشۈرۈشنىڭ بايقىلىشى بۇندىن ئىلگىرى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ تېررورچى ئۇنسۇرلار مۇساپىرلار ئارىسىغا يوشۇرۇنۇپ ياۋروپاغا كىرەرمۇ دېگەن ئەندىشىسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر