خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) 11-ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشتىن كېيىن، شەرقىي ئاسىيا ھەمكارلىقى رەھبەرلەر چاتما يىغىنى ئاخىرلىشىپ بىر سائەتتىن كېيىن، گوۋۇيۈەن زوڭلىسى لى كېچياڭ ماشىنا بىلەن مالاككا شىتاتىغا بېرىپ، مالايسىيادىكى رەسمىي زىيارەتنىڭ بىرىنچى بېكەت زىيارىتىنى باشلىدى. زوڭلى لى كېچياڭنىڭ خانىمى چېڭ خوڭ زىيارەتتە بىرگە بولدى. سەنشۇگوڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتلار دۇكىنىدا، لى كېچياڭ 19 يىل بۇرۇن مالايسىيادا زىيارەتتە بولغاندا تونۇشقان كونا دوستلىرى ۋە شۇ يەردىكى ئاھالىلەر بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى