باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۇنجى خەلقئارالىق كەسپىي جىددىي قۇتقۇزۇش تەربىيىلەش مەركىزى شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 1–دوختۇرخانىدا نوپۇسقا ئېلىندى

2015.11.23 13:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-نويابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:كۆپلىگەن جىددى قۇتقۇزۇش نەق مەيدانىدا، يۈرەك سوقۇش تۇيۇقسىز توختاش بىرقەدەر ئېغىر بولغان ئەھۋال ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر بۇنداق ئەھۋال يۈز بەرسە قۇتقۇزۇشقا قالدۇرغان ۋاقت ناھايىتى قىسقا بولىدۇ. ئەگەر جىددىي قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولسا، ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيداندا ھاياتنى قۇتقۇزۇپ ۋە يارىلىنىش دەرىجىسىنى تۆۋەنلەتكىنى بولىدۇ. 22-دېكابر، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۇنجى AHA/ECC تەربىيىلەش مەركىزى شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى 1 - دوختۇرخانىدا قۇرۇلدى، قۇتقۇزۇشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ھاياتلىقنى قۇتقۇزۇۋېلىش ئۈچۈن، بۇ مەركەز ئاممىغا يۈرەك-ئۆپكە ئويغىتىش قاتارلىق جىددىي قۇتقۇزۇش تېخنىكىلىرىنى كېڭەيتتى.

  شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى كلىنىكىلىق تىببىي تەربىيىلەش مەركىزى AHA/ECC تەربىيىلەش مەركىزى 2014-يىلى 25-ئاۋغۇستتىن باشلاپ تەييارلىق قىلىشقا باشلىغان، ھازىرغىچە AHA تەربىيىلەنگەن كىشى 202 ئادەم قېتىمغا يەتكەن. « بىر بەلباغ بىر يول » ئىستراتېگىيەسىنىڭ يولغا قويۇلىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى داۋالاش مۇلازىمەت مەركىزى قۇرماقتا. AHA/ECC تەربىيىلەش مەركىزى پۈتۈن شىنجاڭ ۋە مەملىكەت ھەتتا ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنغا يۈزلىنىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ، ئاساسلىق تەربىيەلەش مەزمۇنى چوڭلار ئاساسىي ھاياتلىقىنى قوللاش(BLS)، چوڭلار ئالىي ھاياتلىقنى قوللاش (ACLS) ۋە بالىلار ئالىي ھاياتلىقنى قوللاش (PALS).

  شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى 1 - دوختۇرخانا جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزىنىڭ مۇدىرى توڭ پېڭ مۇنداق دېدى: «بىز ھەر يىلى ئاز دېگەندە 200 ئادەم ( قېتىم )تەربىيەلەۋاتىمىز، نۆۋەتتە تەربىيلەنگەن خادىملار ئاساسلىقى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، كېسەلخانا دوختۇرلىرىنى قېلىپلاشتۇرغان ئوقۇغۇچى، نۇقتىلىق بۆلۈم تىببىي خادىملار، بۇنىڭدىن كېيىن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ساقچى، قوراللىق ساقچى، مەھەللە خىزمەتچى خادىملار قاتارلىقلارنى تەربىيەلەش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، تەشۋىق قىلىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىمىز».(مەلىكەم تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر