باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

قازاقىستان زۇڭتۇڭى نازاربايىپ ئافغانىستان زۇڭتۇڭى غەنى بىلەن كۆرۈشتى

2015.11.23 13:51         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قازاقىستان زۇڭتۇڭى نازاربايىپ 20- نويابىر ئاستانادىكى زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن ئافغانىستان زۇڭتۇڭى غەنى بىلەن كۆرۈشتى. ئىككى تەرەپ قازاقىستان بىلەن ئافغانىستان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بىلىدىغان خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىسى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

  نازاربايىپ مۇنداق دېدى: قازاقىستان ئافغانىستاننىڭ تىنچ مۇقىم تەرەققىي قىلىشنى ئاۋۋالقىدەكلا قوللايدۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئافغانىستان ۋەزىيىتىدە بىر ئاز پەسىيىشلەر بولۇپ، تەدرىجىي مۇقىملىق ۋە تەرەققىي قىلىش تەرەپكە قاراپ يۈزلەندى، قازاقىستان بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇشال بولدى.

  غەنى مۇنداق دېدى: قازاقىستان مۇستەقىل بولغاندىن بۇيان غايەت زور نەتىجىلەرگە ئېرىشتى، قازاقىستاننىڭ تەرەققىياتى مەزكۇر رايونىدىكى دۆلەتلەرگە ئۈلگە تىكلەپ بەردى، قازاقىستاننىڭ تەجرىبىلىرىنى ئەينەك قىلىشقا ئەرزىيدۇ.

  سۆھبەتتىن كىيىن، ئىككى تەرەپ شۇ كۈنى يەنە قازاقىستان ئافغانىستان ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خەلق ئىشلىرىنى قوغداشنى كۈچەيتىش، جىددىي ئەھۋاللارنىڭ ئالدىنى ئىلىش ۋە تۈگىتىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق كېلىشىمى بىلەن قازاقىستان ئافغانىستان ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مەدەنىيەت ساھەسىدىكى ھەمكارلىق كېلىشىمىدىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك ئىككى تەرەپلىك ھۆججەتنى ئىمزالىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر