خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-نويابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:شۇ يەر ۋاقتى 23-نويابر، بىر ئىسرائىلىيەلىك ئايال ئەسكەر ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن، بۇ 2 ئايدىن بۇيان بۇ جايلاردا يۈز بەرگەن ئەڭ يېڭى بىر قېتىملىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى. ساقچى تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئايالغا ھۇجۇم قىلغان پەلەستىنلىك ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. يەنە ئىككى نەپەر پەلەستىنلىك ھۇجۇم قىلغۇچىمۇ ئوخشاش بولمىغان ۋەقەدە قازا قىلغان.(مەلىكەم تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى