باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>شى جىنپىڭ

شى جىنپىڭ ‹‹خەلقئارا پەلەستىن خەلقىگە مەدەت بېرىش كۈنى››نى خاتىرىلەش يىغىنىغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2015.11.25 12:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ب د ت 23-نويابىر ‹‹خەلقئارا پەلەستىن خەلقىگە مەدەت بېرىش كۈنى››نى خاتىرىلەش يىغىنى ئاچتى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دېدى: پەلەستىن مەسىلىسىنى بالدۇرراق ئومۇميۈزلۈك، ئادىل بىر تەرەپ قىلىش، پەلەستىن قاتارلىق جايلاردىكى ھەر قايسى دۆلەت خەلقىنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق. پەلەستىن مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا چوقۇم تىنچ سۆھبەتلىشىش يولىدا مېڭىش كېرەك. جۇڭگو ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ يىراقنى كۆرۈپ، خەلقنىڭ تۈپ ۋە كەلگۈسى مەنپەئىتىنى چىقىش قىلىپ، توسالغۇلارنى يېڭىپ، بالدۇرراق سىياسىي قارار چىقىرىپ، تىرىشىپ تىنچلىق سۆھبىتىنى قايتىدىن باشلىشى ۋە ماھىيەتلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى چىن قەلبىدىن ئۈمىد قىلىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو پەلەستىن خەلقىنىڭ ھەققانىي ئىشلىرىنى چىن كۆڭلىدىن يېقىندىن خالىس قوللايدۇ. جۇڭگو پەلەستىن ئىسرائىلىيە تىنچلىقىنىڭ تەۋرەنمەس قوللىغۇچىسى. جۇڭگو خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە ئوتتۇرا شەرقنىڭ ئومۇميۈزلۈك، ئادىل، ئۇزاق ئەمىنلىكىنى بالدۇرراق ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالايدۇ. ( شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر