باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2016-يىللىق چاغانلىق يولۇچى توشۇشنىڭ پويىز بېلىتى بۈگۈندىن باشلاپ سېتىلىدۇ

«بىلەت ھايانكەشلىرى» 150 يۈەن ئارتۇق خەجلىسە پويىزغا چىقىشقا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى

2015.11.26 13:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو تۆمۈر يول باش ئىدارىسى ئېلان قىلغان چاغانلىق يولۇچى توشۇشنىڭ پويىز بېلىتى سېتىش ۋاقتى بويىچە بۈگۈندىن باشلاپ چاغانلىق يولۇچى توشۇشنىڭ تۇنجى كۈنىدىكى بىلەت سېتىلىدۇ. 2016-يىللىق چاغانلىق يولۇچى توشۇش پويىز بېلىتى سېتىشنىڭ باشلىنىشىغا ئەگىشىپ، «بىلەت سېتىۋېلىش قىيىن بولۇش» يۇرتىغا قايتماقچى بولغان يولۇچىلارنىڭ بېشىنى قاتۇردى. تۆمۈر يول تارماقلىرى يېقىندا بىلەت ھايانكەشلىك قىلمىشىغا قاتتىق زەربە بېرىپ، ۋاكالىتەن سېتىش نۇقتىلىرىنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھەق ئېلىش، بىلەت تالىشىش، بىلەتنى بېسىپ قويۇش قاتارلىق قىلمىشلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مۇخبىر زىيارەت قىلىش جەريانىدا، چاغانلىق يولۇچى توشۇش يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن «بىلەت ھايانكەشلىرى»نىڭ ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا پۇل قوشسىلا بىلەت سېتىۋېلىشقا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقى، ۋاكالىتەن سېتىش نۇقتىلىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى «ھايانكەشلەر»نىڭ يولۇچىلار بىلەت سېتىۋالالمىسىمۇ، 100 يۈەن خەجلىسىلا پويىزغا چىقىرىپ قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى بايقىدى.

  چاغانلىق يولۇچى توشۇشنىڭ پويىز بېلىتى بۈگۈندىن باشلاپ سېتىلىدۇ، 4-دېكابىردىن 10-دېكابىرغىچە پويىز بېلىتى سېتىۋېلىشنىڭ بېسىق مەزگىلى يېتىپ كېلىدۇ

  جۇڭگو تۆمۈر يول باش ئىدارىسى يېقىندا ئۆزىنىڭ ھۆكۈمەت مىكرو بىلوگىدا «2016-يىللىق چاغانلىق يولۇچى توشۇشنىڭ پويىز بېلىتىنى ئالدىن سېتىش ۋاقىت جەدۋىلى»نى ئېلان قىلدى، تورداشلار بۇنى «بىلەت تالىشىش كالېندارى» دېيىشتى. ۋاقىت جەدۋىلىگە ئاساسەن، بۈگۈن چاغانلىق يولۇچى توشۇشنىڭ بېلىتى سېتىلىدىغان تۇنجى كۈن بولۇپ 24-يانۋار(قەمەرىيە كالېندارى بويىچە 15-دېكابىر)نىڭ بېلىتى سېتىلىدۇ، يولۇچىلار 12306 ھۆكۈمەت تور بېكىتى، يانفون تېرمىنالى ۋە بىلەت زاكاز قىلىش قىزىق لىنىيەسى ئارقىلىق پويىز بېلىتى زاكاز قىلسا بولىدۇ.

  ۋوگزال كۆزنىكى، ۋاكالىتەن بىلەت سېتىش نۇقتىسى قاتارلىقلار ئالدىن 58 كۈن بىلەت ساتىدىغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق بىلەت سېتىۋالىدىغان يولۇچىلار ئىككى كۈن توختاپ بىلەت سېتىۋالسا، يەنى 28-نويابىردىن باشلاپ چاغانلىق يولۇچى توشۇشنىڭ بېلىتىنى زاكاز قىلسا بولىدۇ.

  ئىلگىرىكى ئادەت بويىچە، چاغانلىق يولۇچى توشۇشنىڭ بېسىق مەزگىلى قەمەرىيە كالېندارى 23-نويابىردىن ھارپا كۈنىگىچە بولۇپ، ئۇنىڭغا مۇناسىپ بىلەت سېتىۋالىدىغان ۋاقىت 4-دېكابىردىن 10-دېكابىرغىچە بولىدۇ. چاغاندىن كېيىنكى يولۇچى توشۇشنىڭ بېسىق مەزگىلى قەمەرىيە 5-يانۋاردىن 8-يانۋارغىچە بولۇپ، بۇ ۋاقىتنىڭ پويىز بېلىتى 15-دېكابىردىن 18-دېكابىرغىچە سېتىلىدۇ. بۇ مەزگىلدىكى پويىز بېلەتلىرى ئىنتايىن قىس، شۇڭا يۇرتىغا قايتىدىغان، ساياھەتكە چىقىدىغان يولۇچىلار ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ بىلەت سېتىۋېلىشى كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر