باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېقىمنى تېز خورىتىش يانفون ئەپلىرىدىكى ئورتاق كېسەللىك بولۇپ قالدى

جۇڭگولۇقلار «ئوغرىلىقچە خورىتىلغان» ئېقىم ئۈچۈن بىر يىلدا ئاز دېگەندە 40 مىليارد يۈەن تۆلەيدىكەن

2015.11.26 16:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) يانفون يۈرۈشلۈك ئېقىمىنىڭ ئېشىپ قالغان قىسمىنى بىكار قىلماسلىق سىياسىتى يولغان قويۇلۇپ ئىككى ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، ئېقىمنىڭ ئەجەبلىنەرلىك ھالدا «ئوغرىلىقچە خوراش» ۋەقەسى كۆپ قېتىم كۆرۈلدى. نۇرغۇن ئىستېمالچىلارنىڭ قارىشىچە، ئىلگىرى تېلېفون ئۇرۇش، قىسقا ئۇچۇر يوللاشتا ئايرىم ھالدا تېلېفون ئۇرۇش ۋاقتى ۋە قىسقا ئۇچۇر سانى بويىچە ھېسابلىنىدىغان بولغاچقا، ئىستېمالچىلار ئۆزى تەكشۈرەلەيدىكەن، بىراق ئېقىمنى قانداق تەكشۈرۈش قىيىنچىلىق تۇغدۇرماقتا ئىكەن.

  تور بىخەتەرلىك مۇتەخەسسىسلىرى بىر قىسىم زور مىقتاردىكى ئېقىمنىڭ «ئوغرىلىقچە خوراش» ۋەقەسىدىن باشقا، ئېقىمنىڭ نورمالسىز خورىشى ئەقلىيفونلارنىڭ ئورتاق كېسىلى بولۇپ، ھەركۈنى زور مىقتاردىكى ئېقىم ئابونتلار بىلمىگەن ھالەتتە خوراپ كېتىدىكەن. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگولۇقلار بىر يىلدا ئاز دېگەندىمۇ 40 مىليون يۈەننى ئارتۇق چىقىم قىلىدىكەن.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر