- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
رۇسىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى تېلېفونلىشىپ رۇسىيەنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلۈش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
2015.11.27 13:23 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف بىلەن ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى 25- نويابىر تېلېفونلىشىپ، تۈركىيەنىڭ رۇسىيەنىڭ سۇ-24 ناملىق ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكى قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى. رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى شۇ كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئىككى تەرەپ تۈركىيە ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ سۇرىيەدە تېررورچى ئۇنسۇرلارغا زەربە بېرىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقان رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكى مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى. لاۋروف مۇنداق دېدى: بۇ، رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ سۇرىيەدە بىخەتەر ئۇچۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئەسلەتمىسىگە قوپاللىق بىلەن بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىق بولۇپ، ئامېرىكا تەرەپ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك ، تۈركىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى خەلقئارا ئىتتىپاقتىكى بارلىق دۆلەتلەر بۇ بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك . لاۋروف بىلەن كېررى يەنە سۇرىيە مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش مۇساپىسىنى قايتىدىن باشلاش توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر