- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يەتتە دوختۇرخانا 2014-يىللىق غەربىي شىمال رايونىدىكى ئەڭ ياخشى دوختۇرخانا تىزىملىكىگە كىردى
2015.11.27 13:51 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى : يېقىندا، فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى دوختۇرخانا باشقۇرۇش تەتقىقات ئورنى باش بولۇپ تەتقىق قىلغان« 2014 - يىللىق جۇڭگودىكى ئەڭ ياخشى دوختۇرخانا تىزىملىكى » نى ئېلان قىلىندى. شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 1 - دوختۇرخانا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى ۋە شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى ئۆسمە كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى قاتارلىق دوختۇرخانا 2014 - يىللىق غەربىي شىمال رايونىدىكى دوختۇرخانىلار ئۇنىۋېرسال كۈچى ۋە مەخسۇس كېسەل بۆلۈمى داڭقى جەھەتتە تىزىملىكتە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى.
2014-يىللىق غەربىي شىمال رايونىدىكى دوختۇرخانىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى تىزىملىكىدە، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى 1 - دوختۇرخانا غەربىي شىمال رايونى بويىچە 3- ئورۇندا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دوختۇرخانىلار ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى غەربىي شىمال رايونى بويىچە 9 - ئورۇندا، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى ئۆسمە كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى غەربىي شىمال رايونى بويىچە -17ئورۇندا تۇرىدىكەن.
2014-يىللىق غەربىي شىمال رايونىدىكى دوختۇرخانىلارنىڭ مەخسۇس كېسەل بۆلۈمى داڭقى جەھەتتە، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 1 - دوختۇرخانىنىڭ ئاياللار بۆلۈمى، كىچىك بالىلار ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى، كۆكرەك تاشقى بۆلۈمى، بۆرەك كېسەللىرى بۆلۈمى، ناركوز بۆلۈمى قاتارلىق 26مەخسۇس بۆلۈم غەربىي شىمال رايونى بويىچە ئالدىنقى 5 - ئورۇندا تۇرىدىكەن؛ ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ رېماتىزم كېسىلى، تېرە بۆلۈمى، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مېدىتسىناسى، كۈيۈك كېسەللىكلىرى بۆلۈمى، يادرو تېبابىتى قاتارلىق مەخسۇس بۆلۈملىرى غەربىي شىمال رايونىدا ئالدىنقى 5 - ئورۇندا تۇرىدىكەن.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، مەخسۇس كېسەل بۆلۈمى داڭقى جەھەتتە، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى ئۆسمە كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى 2014 - يىلى غەربىي شىمال رايونىدىكى ئۆسمە كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى داڭقى جەھەتتە بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتكەن. ئۈرۈمچى شەھەرلىك 4 - خەلق دوختۇرخانا روھىي كېسەل مېدىتسىناسى، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى ئېغىز بوشلۇقى دوختۇرخانىسى ئېغىز بوشلۇقى بۆلۈمى، ئازاتلىق ئارمىيە 474 - دوختۇرخانىسىنىڭ كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى كۆز بۆلۈمى، شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتى تېببىي ئىنستىتۇتىنىڭ 1 - تارماق دوختۇرخانىسى شەكىل تۈزەش تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى قاتارلىقلار مەخسۇس كېسەل بۆلۈمى داڭقى جەھەتتە بەشىنچى ئورۇنغا ئۆتكەن. (مەرھابا تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر